لېكىن، خىتاي تۈزگەن قانۇن پەقەت خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېسە بۇنى توغرا دېيىشكە بولىدۇ.
قانۇن تۈزۈلۈپ ئىجرا قىلىنمىسا، ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولمىسا، جەمئىيەتتە قانۇننىڭ ئېتىبارى بولمايدۇ. ئادەملەر پەقەت ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىپلا ياشايدۇ. قانۇن تۈزۈلۈپ، خەلقنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلمەي، يەنە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ قانۇن ئىجرا قىلىنمىغان ئەلدە، ھوقۇق بازارغا كىرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرتىپلىرى، ھەتتا جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئادەملەر ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئىگە بولالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا جەمئىيەتتە ئەمگەك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنىڭ بىردىن-بىر ۋاسىتىسىگە بەلكى مەجبۇرلاش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
مەسىلەن، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا دېھقانلار بۈگۈن چىلان كۆچىتى قويۇشقا مەجبۇرلانسا، ئەتىسى ئۆرۈك كۆچىتى قويۇشقا زورلىنىدۇ.
ئىچكىرى خىتايدىن سۆز ئاچساق، دېھقان ئىشچىلار شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەيدۇ. تىرىكچىلىكىنى قامدايدۇ. بىراق دېھقان ئىشچىلار ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئالالمايدۇ. بۇنداق مەسىلىلەر ئادەمنىڭ قەدىر-قىممەت مەسىلىسى بولۇپ قېلىشتىن ھالقىپ، ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ۋە ھايات ياشاشنىڭ مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
مەسىلەن، گۇاڭدۇڭ چاۋجۇدا ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا سىچۈەنلىك بىر ئىشچىنىڭ پېيى كېسىپ تاشلاندى، گۇاڭدۇڭدا ئىشلەۋاتقان سىچۈەنلىك ئىشچىلار قوزغىلىپ نامايىش قىلىپ ئۆزىنىڭ ماددىي مەنپەئىتىنى قوغدىماقچى بولغاندا، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەردى. جېجياڭدا نامايىش ۋە پارتلىتىش يۈز بەردى. تيەنجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىچىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. نۆۋەتتە خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئادەملەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتى چېكىگە يەتتى. بۇ قانداقتۇر قەدىر-قىممەت ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۇچ ۋاق تاماق يەنە بەلكى ھاياتلىق مەسىلىسىدۇر. نامايىش ۋە پارتلىتىشلارنىڭ تىغ ئۇچى ھۆكۈمەتكە قارىتىلدى ۋە بىۋاسىتە دائىرىلەرنىڭ سىياسىتىگە قارىتىلدى. يۇقىرىقى ئەھۋاللار خىتاي جەمئىيىتىگە سىياسىي ئىنقىلابنىڭ يىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. خىتاي تور بەتلىرى بۇ ۋەقەلەرنى ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى دەپ تەسۋىرلىدى.
نامايىش ۋە پارتلىتىشلار ھۆكۈمەتتىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدە يۈز بەردى. بىر جەمئىيەتتە ناھەقچىلىك كۆپەيگەنسېرى، قانۇن بۇنداق ناھەقچىلىككە پىسەنت قىلمىغانسېرى، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى يۈز بېرىدۇ. چۈنكى ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ. ئادەملەر خورلۇق ئىچىدە ئۆلگەندىن كۆرە، ئۆچ ئېلىپ ئۆلۈشنى راۋا كۆرىدۇ. ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ قانۇنلۇق يولىنى تاپالمىغان ئادەم ئۆچ ئېلىشنىڭ يولىنى تاللىۋالىدۇ.
دۇۋىي تور بىتى 6-ئاينىڭ 13 كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە «قىيما-چىيما قىلىنىشتىن قورقمىغان ئادەم خاننى ئاتتىن چۈشۈرەلەيدۇ» دەيدىغان تەپەككۇر ۋە شۇنداق روھ بويىچە، پۇقرالارنىڭ جەمئىيەتتىن نارازى بولۇشى، ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىكنىڭ چوڭقۇرلىشى جۇغلىنىپ كرىزىسقا ئايلىنىشى، خىتاي كوممۇنىستلىرى ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇق بولۇش-بولماسلىقى قاتارلىق زىددىيەتلەردىن پەيدا بولغان نارازىلىقلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ نارازىلىقنى ئەسكەر، ساقچى چىقىرىپ باستۇرۇشى قاچانغىچە داۋاملىشار، دەپ كۆرسەتتى.