ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشنىڭ ئەقەللىي شەرتلىرى ھەربىي ئىشلاردا ئېشىپ كېتىش ۋە ئىقتىسادى ئىشلاردىلا ئېشىپ كېتىشمۇ؟
ئەگەر خىتايلار ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتمەكچى بولسا، ئەقەللىي تەييارلايدىغان شەرتلەر ئاۋۋال مۇنداق بولىدۇ: 1-دۆلەت ئەخلاقى جەھەتتە ئېشىپ كېتىش. خىتايلار ئېشىپ كېتىشنىڭ بۇنداق شەرتلىرىنى تەييارلىغانمۇ؟ 2-دۆلەت پۇقرالىرىغا كەڭچىلىك قىلىش. مۇستەملىكىلىرى بۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۆزىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا كەڭچىلىك قىلىشنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئويلاپ باققانمۇ؟
دوۋى تور بىتى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى « تەكشۈرگۈچىلەر ئېيتتىكى، خىتاي ھازىر ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىپ دۇنياۋى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، ماقالىدە بۇنداق كۆرسەتتى: بۇنداق كۆز قاراشلار ،بولۇپمۇ غەربىي ياۋروپادا كېڭىيىشكە باشلىدى.
72% فرانسىيىلىك،67% ئىسپانىيىلىك، 65% ئەنگلىيىلىك، ھەتتا 61% گېرمانىيىلىك خىتاي ئامېرىكىدىن ھالقىپ كەتتى، دەپ قارىدى.
مەيلى غەربىي ياۋرۇپالىق ياكى شەرقىي ئاسىيالىق بولسۇن ، خىتاي ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى دېگۈچىلەرگە، بۇ دۆلەتلەردە ئىقتىسادشۇناشلار يوقمىدى دېسەم توغرا بولامدىغاندۇر؟!
دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ئىقتىساد ھەمىشە، توختىماي، كرىزىسقا يولۇقماي داۋاملىق تەرەققىي قىلامدىغاندۇ؟ خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى شۇنچىلىك ئېشىپتۇ، بىر مىلياردتىن ئوشۇق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋە مۇستەملىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى قانداقتۇر، دۆلىتى باي بولغان ، پۇقرالىرى گاداي بولغان دۆلەتنى ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلغان دۆلەت دېيىشكە بولامدىغاندۇ؟ مەسىلەن، ئەمگەكچىلەر ئىقتىسادى جەھەتتە ئەمگەك ۋاسىتىلىرىنىڭ يەنى تۇرمۇش مەنبەلىرىنى مونوپول قىلغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. بۇ ھالەت ھەر خىل شەكىللىك قۇل بولۇش، ئىقتىسادى نامراتلىق ، مەنىۋى ھاقارەت، سىياسىي جەھەتتە بېقىندى بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى تۇرمۇش مەنبەلىرىنى پۇقرالارنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتتىمۇ، خىتاي پۇقرالىرى 30يىللىق ئىسلاھات جەريانىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئۆزلىرى ئىگىدارچىلىق قىلالايدىغان ھوقۇقلارغا ئېرىشتىمۇ؟ ئىقتىسادى جەھەتتىكى ھوقۇقسىزلىق پۇقرالارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى، مۇستەملىكە ئەللەردە ئۇيغۇردەك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھوقۇقسىزلىقىنى ھەتتا مۇستەملىكە مىللەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە ھوقۇقسىزلىقىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىقتىسادى تەلەپلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەلەپلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقى قاتارلىق رېئال مەسىلىلەر خىتايلارنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا ، خىتايدا دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ ئۆسۈپ بېرىۋاتقانلىقى مۇستەبىت دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ھەر جەھەتتە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىپ دۇنياۋى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتكە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
خىتاي ئۆزى تىنچ يول بىلەن باش كۆتۈرۈش دەپ تەبىر بەرگەن خىتاي دۆلىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش بىلەن خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى بولۇپ ھېسابلاندى.