رۇسىيە ئاسىيادا ئاكتىپ پائالىيەت دەۋرىگە ئۆتتىمۇ ؟

يېقىندا رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى مېدۋېدىف پورتۇگالىيە لېسىبېندا ناتونىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ، ناتونىڭ راكېتادىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىغا دۆلەت سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋە ناتونىڭ ئافغانىستانغا ھەربىي لاۋازىمات توشۇيدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرىنى ئېچىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
ئوبزورچىمىز سىدىك ھاجى روزى
2010.12.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئاز ئۆتمەيلا جۇڭگونىڭ باش مىنىستىرى  ۋېن جياباۋ  پېتىر بورگ شەھىرىدە پەيدا بولدى. ئارقىدىنلا " شاڭخەي 5 دۆلەت گۇرۇھى"نىڭ نۆۋەتتىكى يىغىنى ئېچىلغاندا، ۋىلادىمىر پوتىن بىلەن  ۋېن جياباۋ تاجىكىستاننىڭ دۈشەنبە شەھىرىدە پەيدا بولدى. ئىككى دۆلەت رۇسىيە-جۇڭگو 12 تۈر بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى. تېخى يېقىندىلا "سۇمۇرغ "تېلېۋىزىيىسى "رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن جۇڭگو "3خىل كۈچلەرگە قارشى شەرتنامە "ئىمزالىدى دەپ خەۋەر قىلدى. لېكىن، مەتبۇئاتقا چىقمىدى.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، "3خىل كۈچلەر" خىتاي تەييارلىغان بۇ سىياسىي ئىبارىنىڭ  رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامىدە پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارغا  يەنە بىر قېتىملىق شۇملۇقتىن دېرەك بېرەمدۇ؟

11-ئاينىڭ 1-كۈنى پرېزىدېنت مېدۋىدېف،  ياپونىيىگە تەۋە لېكىن  رۇسىيە بېسىۋالغان 4 ئارالنىڭ ئىچىدىكى  كوناشىرى ئارىلىدا پەيدا بولغاندا، خىتاي يازغۇچىلىرى دەرھال قەلەم تەۋرىتىپ، ياپونىيە سېنكاكو ئارىلى توغرىسىدا جۇڭگونى ئاۋارە قىلىپ تۇرغاندا، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ  ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى كوناشىرى ئارىلىدا پەيدا بولغانلىقى، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونى قوللىغانلىقى دەپ ماختىنىشتى.

ئەگەر، مېدۋىدېفنىڭ  قەيەرگە بارغانلىقى  جۇڭگونى قوللىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلا بولسا، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا  مېدۋىدېف ئاۋۋال شەرقىي شىمالدىكى لۈيشۇنگە چۈشۈپ ئاندىن بېيجىڭغا زىيارەتكە بارغان ئىدى. بۇ ھەرىكەتمۇ جۇڭگولۇقنى قوللىغانلىق ھېسابلىنامتى ياكى... رۇسىيىنىڭ  قايسى بىر چاغدا پۈتكۈل مانجۇرىيىنى مۇستەملىكە قىلغانلىقىنى بەلكى ھازىرمۇ جۇڭگو تەرەپكە زېمىن تەلىپى قويۇشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جۇڭگو تەرەپنىڭ  سەمىگە سېلىپ قويغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟ مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇكى،  1900-يىلى چار رۇسىيە پۈتكۈل مانجۇرىيىنى بېسىۋېلىپ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرغان مەزگىلدە لۈيشۇن پورتىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى دېمەكچىمەن.

تارىخنى قىياس قىلىشقا بولمايدۇ، ئەمما  تارىخنى  شەرتلىك قوشۇمچە "ئەگەر" بىلەن ئوقۇشقا بولىدۇ. چار رۇسىيە مانجۇرىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈنلا 19 -ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دۆلىتىنى مانجۇ ھۆكۈمرانلىرىغا سېتىپ بەرگەن دېسەك، ئەنگلىيە خوڭكوڭغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا، خىتاينىڭ دېڭىز بويلىرىدا سودا پورتىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا  ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى  قوللاشنى تاشلىۋېتىپ ، مانجۇ-خىتاي خانىدانلىقىنىڭ ئۇيغۇرىستانغا تاجاۋۇز قىلىشىغا يول قويغان دېسەك، ئۇنداقتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مانجۇرىيىنى ئازاد قىلغان رۇس ئارمىيىسى  يەنە نېمىشقا مانجۇرىيىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى...؟ بۈگۈن  پرېزىدېنت  مېدۋىدېف يەنە نېمىشقا لۈيشۇن پورتىدا پەيدا بولدى، خىتايلار نېمىشقا بۇنداق زىيارەت قىلىشقا يول قويدى؟
11-ئاينىڭ 27- كۈنى يەنى پرېزىدېنت مېدۋىدېف ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى كوناشىرى ئارىلىنى زىيارەت قىلىپ بىر ئاي توشقاندا، "بوشۈن " تور بىتى مۇنداق خەۋەر تارقاتتى:"رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى 26-كۈنى رۇسىيە دۇماسى تۆۋەن پالاتاسى بايانات ئېلان قىلىپ ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ستالىننىڭ ئۆزى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 20مىڭغا يېقىن پولشالىقنى ئولتۇرۇپ  كاتىن ئورمانلىقى پاجىئەسىنى پەيدا قىلغان" لىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

"بوشۈن "تور بىتى بۇ ھەرىكەتكە قارىتا باھا يېزىپ:" بۇ خەۋەر قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن بۇ خەۋەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەرگىز ئادەتتىكىدەك ئەمەس! بۇ خەۋەر رۇس مىللىتىنىڭ تارىخنى ئېتىراپ قىلىشتا( بەلكى رۇس مىللىتى ئۆزى پەيدا قىلغان پاجىئەلىك تارىخنى ئېتىراپ قىلىشتا...) قەيسەر، باتۇر مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن باشقا، ئوخشاشلا رۇس مىللىتىنىڭ  مەرىپەتلىك دۇنيانىڭ توغرا يولىغا چىقىپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ھەمدە  ئىنسانلار دۇنياسىدا بۇ مىللەتنىڭ  يەنە باش كۆتۈرۈشىگە  ئاز ۋاقىت قالغانلىقىدىن بېشارەت بەردى  " دەپ كۆرسەتتى.

راست شۇنداقمۇ ؟ راست شۇنداق. بۇ "قەيسەر "مىللەت رۇسلار ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك، بىزگە تونۇشلۇق  1939-يىلى تۈزۈلگەن "رۇس- گېرمان شەرتنامىسى"نى  1989-يىلى 5-ئايدا  ستالىننىڭ شەخسى ئىشى دەپ بىكار قىلىپ، بالتىق بويىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشىغا يول تۈزلەپ بەرگەندىن كېيىن،  ئەمدى بۈگۈن، 2010-يىلى11-ئاينىڭ 26- كۈنى  "كاتىن ئورمانلىقى پاجىئەسى"نىمۇ  ستالىننىڭ قىلغان ئىشى دەپ ئېتىراپ قىلدى.

1937-يىلى رۇس-خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن " جۇڭگو -سوۋېت شەرتنامىسى" ، 1945-يىلى 2-ئايدا موسكۋادا تۈزۈلگەن" جۇڭگو -سوۋېت شەرتنامىسى"، 1947-يىلى 5-ئاينىڭ 20- كۈنى  رۇس-خىتاي ئوتتۇرىسىدا  خاربىندا تۈزۈلگەن "خاربىن شەرتنامىسى"، 1948-يىلى موسكۋادا تۈزۈلگەن "موسكۋا كېلىشىمى" ، 1950-يىلى 2-ئايدا  موسكۋادا تۈزۈلگەن "جۇڭگو-سوۋېت شەرتنامىسى" 2003-يىلى جياڭ زېمىن موسكۋاغا بېرىپ تۈزۈپ كەلگەن "جۇڭگو-سوۋېت شەرتنامىسى" ، يېقىندا  رۇسىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن "3خىل كۈچلەرگە  زەربە بېرىش كېلىشىمى" ھەممە، ھەممىسى ئۇيغۇر دۆلىتىنى خىتايغا سېتىپ بېرىش ۋە سېتىپ ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك  رۇسىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر ئىدى.

"قەيسەر مىللەت رۇس مىللىتى"  ۋە دۇمانىڭ تۆۋەن پالاتاسى بۇ شەرتنامىلەرنى ۋە كېلىشىملەرنى قاچان بىكار قىلىدۇ؟

"قەيسەر مىللەت" رۇس مىللىتى ماۋ زېدۇڭ بىلەن بىرلىشىپ ، 1949-يىلى  8-ئاينىڭ 27- كۈنى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ داھىيلىرى  ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنى  ئايروپىلان ۋەقەسىگە باھانىلاپ مەخپىي ئۆلتۈرگەن ستالىننىڭ جىنايەتلىرىنى قاچان پاش قىلىدۇ؟

ئۇنداقتا، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ يېقىندىن بېرىقى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى ئاكتىپ پائالىيەت  ھېسابلىنىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئاسىيادىمۇ  ئاكتىپ پائالىيەت قىلىدىغان بىر دەۋرگە كىرىپ قالدىمۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.