شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭىيەلەمدۇ؟

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ تور بېتىدە 2011‏-يىلى 9‏-ئاينىڭ 5‏-كۈنى «رۇسىيە ئەزا دۆلەتلەرنى كېڭەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. بىراق، ئەزا دۆلەتلەر بىر خۇلاسىگە كېلەلمىدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

خەۋەردە رۇسىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى كېڭەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» رۇسىيە كوممۇنىزم ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە پۇل چىقىرىشى ئارقىلىق 1996‏-يىلى شاڭخەيدە قۇرۇلغان. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى پۇل چىقىرىپ، خىراجەت سەرمايىسىنى ھۆددىگە ئېلىپ قۇرۇلغان بۇ تەشكىلات كىشىلەرگە، «ۋارشاۋا شەرتنامىسى»ھەربىي تەشكىلاتى شەرقى ياۋروپادا يىمىرىلىپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا يىتىپ كەلگەندەك تەسىر بېرەتتى. بۇ تەشكىلات ئارقىلىق خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرىستاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىگە، ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەرنىڭ قولى ئارقىلىق زەربە بەرمەكچى بولغان ئىدى. مەسىلەن، ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى بۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمۇ چەكلەشكە ئۇچرىدى. تاجىكىستان يېقىندا تۈركىيە پاسپورتى قولىدا تۇرۇپ ئۇيغۇر تىجارەتچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا بىر نەچچە ئۇيغۇر ئوڭايلا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ئاتىلىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلارغا بىر ئاز ئەركىن مۇھىت يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، قولغا چۈشكەن ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكىچى خىتايلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەھەتتە قازاقىستاندىن كېيىنرەك ئۆچىرەتكە تۇردى. قازاقىستان يېقىنغىچە قولغا چۈشكەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىشىگە بويسۇنۇپ، چەتئەللەردە ئېچىلغان ئۇيغۇر تىللىق تور بەتلىرىنى تاقاش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئالدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىچىدىكى رۇسىيە ھازىرغىچە ھەرنېمە بولسا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا يان باسقان ھالدا بىر ئاز مۆتىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى.

ئاۋۋالقى خەۋەرلەردە ئىران، ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىش ياكى كۆزەتكۈچى بولۇپ كىرىشكە قىزىققان بولسىمۇ، بىراق جۇڭگو تەرەپنىڭ كەسكىن رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆزەتكۈچى بولۇپ قاتنىشىش تەلەپلىرى رەت قىلىندى ياكى كېيىن مۇھاكىمە قىلىشقا قالدۇرۇلدى.

يۇقىرىقى خەۋەردە رۇسىيە ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىنى ھىمايە قىلاتتى، دېيىلدى. شۇنداق ئىكەن بۇ چوقۇم يۈز بېرىدىغان ئىشتۇر. 1870‏-يىللاردا ئەنگلىيە ۋە چار رۇسىيە، تۈركىيىنىڭ ھەر قانداق يول بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا يىتىپ كېلىشىنى چەكلەپ، ئەنگلىيە بىلەن چار رۇسىيە شەرتنامە ئىمزالاش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقى ۋە پارس قولتۇقى رايونلىرىنى تەسىر دائىرىسىگە بۆلۈۋېلىشقان ئىدى.

ئەمدىلىكتە رۇسىيە، تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىنى قوللامدۇ، قوللىمامدۇ؟ بۇ توغرىدا تېخى بىر گەپ يوق. ئەمما شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا مەيلى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە بولسۇن، مەيلى ئەزا دۆلەت بولۇپ قاتناشسۇن، تۈركىيە بىلەن ھىندىستان قاتنىشىدىغانلا بولسا، خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى رولى ئاجىزلايدۇ. خىتاينىڭ بىنورمال تەلەپلىرىمۇ مۇقەررەر چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.