"شۇملۇقنىڭ ئالامىتى"مۇ ؟

2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى "يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيىسى"نىڭ جۇڭگوغا نەزەر سەھىپىسىدە،"شۇملۇقنىڭ ئالامىتى - بىر قەدەر چوڭ چەتئەل شىركەتلىرى جۇڭگودىن چېكىنىشكە باشلىدى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

"جۇڭگودا 6 - ئايدىن باشلاپ، ئىش تاشلاش، مائاش ئۆستۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. يېقىندا خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، دۇنياۋىي شىركەت ھېسابلانغان، ئادەم كۇچى مەنبىئى شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى جىپ جوررىس، ئامېرىكا شىركەتلىرى جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش پىلانىنى قايتا ئويلىشىشى مۇمكىن، يېقىندىن بېرى بىر قىسىم بىر قەدەر چوڭ چەتئەل شىركەتلىرى جۇڭگودىن چېكىندى، چۈنكى دېيىشتى كەسىپداشلار، بۇ شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى جۇڭگودا بىر شۇملۇقنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ يەتتى" دەپ كۆرسەتتى" دېيىلدى ماقالىدە.

جۇڭگودا مەۋجۇت بۇلۇۋاتقان كاپىتال بىلەن ئەمگەكنىڭ مۇناسىۋىتى ماقالىدە مۇنداق تەسۋىرلەندى: 6 - ئاي كىرگەندىن باشلاپ پۇشىكاڭ ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ خوندا، تويوتا شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگودا قۇرۇلغان زاۋۇتلىرىدا، جۇخەي رايونىدىكى چەتئەل زاۋۇتلىرىدا، چاڭجياڭ ۋادىسى، 3 - دېلتا رايونىدا قۇرۇلغان ياپونىيىنىڭ نىكۇن شىركىتىدە ئارقا - ئارقىدىن ئىش تاشلاش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، خەلقئارادا جۇڭگوغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى چۆچۈتىۋەتتى. ئاساسىي قاتلامدا ئۇزۇندىن بېرى كۆمۈلۈپ قالغان ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك ھەققى بىلەن كاپىتال تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسى ئاشكارىلىنىپ گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.

قارىغاندا، جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئىشچى بىلەن خوجايىننىڭ مۇناسىۋىتى، كاپىتال بىلەن ئەمگەكنىڭ مۇنا سىۋىتى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىقاندەك قىلىدۇ. مۇئەييەن ئەمگەك جەريانى ھەم كاپىتالىستنىڭ تەلەپلىرىنى قانائەتكە ئىگە قىلىشى ھەم ئىشچى، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەلەپلىرىنى قانائەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك بولىدۇ. جۇڭگودا ئىشچىلارنىڭ مائاش ئۆستۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى نوقۇل ھالدا ماددى مەنپەئەت تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىلا ئەمەس. بەلكى، ئىشچىلارنىڭ ئەمگىكى ماددى قىممەت ياراتقاندا، شۇ ئىشچىنىڭ ياكى ئادەمنىڭ مەنىۋىي قىممىتىنىمۇ يارىتىشى كېرەك بولغانلىقتىن، جۇڭگودا ئىشچىلار ئويغىنىپ ھەم مائاش ئۆستۈرۈشنى ھەم ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا جۇڭگودا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئەمگەك ھەق - ھوقۇق مەسىلىلىرى بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.

جۇڭگو ئىشچىلىرىنىڭ ئويغىنىشى پەقەت چەتئەل شىركەتلىرىگە ئىشچى بولۇپ كىرگەن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئويغىنىشى بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى زاۋۇت - كارخانىلارنىڭ ئىشچىلىرى تېخى ئويغىنىپ مائاش ئۆستۇرۇشنى تەلەپ قىلغىنى يوق. مۇبادا چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن جۇڭگو ئىشچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلار مائاش ئۆستۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا باغلىنىپ قالىدىغانلا بولسا، ئەرزان ئەمگەك كۇچلىرىدىن پايدىلىنىپ تەرەققى قىلىشنى كۆزلىگەن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىمۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ.

جۇڭگودىن چېكىنمەي باشقا ئامال تاپالمايدۇ. شۇ ۋاقىتقا يەتكەندە، پەقەت ئېكىسپورتقا تايىنىپ تەرەققى قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى قانداق زەربىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولارمۇ؟

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.