خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق سودا يولى

8-ئاينىڭ 24‏-كۈنى تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ باياناتچى شىن دەنياڭ «شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو‏-ياۋرو، ئاسىيا كۆرگەزمىسىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر» نى ئاشكارىلىدى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.08.31

تۇنجى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ يەر ئىشلىتىش كۆلىمى 42مىڭ كۋادىراتمېتىر، تاشقىرى كۆرگەزمە مەيدانى 40 مىڭ كۋادىراتمېتىر، دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدىن چاقىرىلغان مېھمان 5مىڭ نەپەردىن ئارتۇق. بۇ مېھمانلار ياۋرو-ئاسىيادىكى 55 دۆلەتتىن يىتىپ كېلىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن خوتەندە ئۇيغۇرلارنى ئېتىپ تاشلاش، قەشقەردە ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تاشلاش، بۇنىڭ بەدىلىگە چەتئەللىك مېھمانلارنى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا تەكلىپ قىلىش، ھازىرقى دۇنيادا توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان، ئەكسىچە قوللاشقا ئېرىشكەن خىتاي زوراۋانلىقىنىڭ رادىكاللاشقان ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟ تەييارلانغان 2مىڭدىن ئارتۇق كۆرگەزمە قىلىش ئورنىغا بىر نەپەر ئۇيغۇرغا بولسىمۇ پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلامدىغاندۇ؟

قارىغاندا، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى قۇرۇقلۇق يولىغا جايلاشقان ۋيېتنام، لائوس قاتارلىق كىچىك-كىچىك دۆلەتلەر، خىتاينىڭ شىمالىدا چاۋشيەن، رۇسىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كېڭىيىۋاتقان خىتاي سودىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا كېڭىيىش ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرەلمىدى.

خىتاينىڭ چوڭ كۆلەملىك سودىسى دېڭىز يولى بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.

خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ تەخىرسىزلىكى، مەركەزگە قاراشلىق كارخانىلارنى مۇستەملىكىسى ئۇيغۇرىستانغا يۈزلەندۈرۈش پىلانىنىڭ جىددىيلىكى، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ يەر زېمىنىنى، ھەتتا چۆل-جەزىرىلىرىنى خىتاي كۆچمەن شىركەتلىرىنىڭ ھەقسىز ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇپ، بۇ ئۆلكىنى تالان-تاراج قىلىشنى جىددىيلەشتۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكى، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنى يەنە قايسى كۈنگە قويۇشى، بۇ زېمىننى يەنە قانداق ھالەتتىكى بىر زېمىنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى قۇرۇقلۇق سودا يولىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا، ھەتتا غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغىچە ئۇزارتىپ، خىتاي سودىگەرلىرىنى ئىران ئېگىزلىكىگىچە يىتىپ بارالايدىغان جۈرئەتكە ئىگە قىلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىمۇ، سودا تىجارەت باھانىسىدە شۇ تەرەپلەرگە يۆتكەپ بېرىش ئۈچۈن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننى ئۆتەڭگە ئايلاندۇرماقچىمۇ؟

نۆۋەتتە،خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ سودا-تىجارەت باھانىسىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە يۆتكەپ بارغان تېجىمەل كۆچمەنلىرى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. ھازىر قازاقىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكەپ چىققان كۆچمەنلىرى زادى قانچىلىك بىلگىلى بولمايدۇ.

مەلۇم بولغىنى شۇ بولدىكى، قازاقىستاندا خىتايچە كۇڭزى مەكتىپى ئېچىلدى، ئەمما شاڭخەيدە ئاباي مەكتىپى ئېچىلغىنى يوق.

چەتئەللىك مېھمانلارنى چاقىرىش، كۆرگەزمە قىلىش بۇ بىر باھانە، نۆۋەتتە 260 مىڭ يۈەندىن مائاش ئېلىۋاتقان، ھەتتا ئايلىق مائاشى 9مىليون، 14 مىليونغا كۆتۈرۈلگەن تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىرى قاتارىدىكى خىتايلارنى بۇرۇنقىدەك مەجبۇرلاپ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ئېلىپ چىقالمايدۇ. پۇلى يوق گاداي خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ پۇل بولمىسا مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا چىقمايدۇ. بۇرۇنقىدەك بىر مومىغا، ياكى بىر قاچا ئوماشقا ئەگىشىپ كېلىدىغان خىتايلارمۇ تۈگىدى. كۆرگەزمە قىلىپ قىزىقتۇرۇش، يەرلەرنى ھەقسىز بېرىپ قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇرىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىش. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.