ھەر يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز. ئەمدى بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن باشلاپ، 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان ئۇيغۇر مىللىي قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنىمۇ قوشۇپ خاتىرىلەيمىز.
بىر ئىنساننىڭ ھوقۇقلىرى نېمە، بىر مىللەتنىڭ ھوقۇقلىرى نېمە، تەبىئەت شۇ ئىنسانغا ئاتا قىلغان، تەبىئەت شۇ مىللەتكە ئاتا قىلغان تەبىئىي ھوقۇقلار نېمە، ئىجتىمائىيلاشقان جەمئىيەت ياكى مۇستەملىكە جەمئىيەت بىر ئىنسانغا، بىر مىللەتكە قالدۇرغان ھوقۇقلار نېمە، شۇ ئىنسان ياكى مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتتىن تارتىپ ئېلىنغان ھوقۇقلار يەنە نېمە؟
1776 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى جاكارلانغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدە : " ئادەملەر تۇغۇلۇش بىلەنلا باراۋەر، ئۇلار، ئۇلارنى ياراتقان خۇدا تەرىپىدىن باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولمايدىغان ھوقۇقلارغا، جۈملىدىن ھاياتلىق ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى، بەخت قوغلىشىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئېرىشكەن. بۇ ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋاپىق ھوقۇقى پۇقرالارنىڭ قوشۇلۇشىغا باغلىق بولىدۇ. ھەر قانداق شەكىللىك ھۆكۈمەت بۇ مەقسەتكە زىيان - زەخمەت يەتكۈزىدىكەن، ئۇنداقتا، پۇقرالار بۇ ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىپ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە ھوقۇقلۇق" دەپ قەيت قىلىنغان.
بۈيۈك تەبىئەت ئۇيغۇرلارغا ئاتا قىلغان تەبىئىي ھوقۇقلار نېمە، ھاياتلىق ھوقۇقى ياكى تەبىئەتتە ياشاش ھوقۇقى، بەخت قوغلىشىش، شۇنىڭ ئۈچۈن تەرەققى قىلىش ۋە تەرەققىياتقا ئىزدىنىش ھوقۇقى بەلكى بۇ ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر مىللەتنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى، تەبىئەت ئۇيغۇرلارغا تەبىئىي تەقدىم قىلغان ھوقۇقلار ئىدى.
2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە تەبىئەت بەرگەن ھوقۇق، لېكىن مۇستەملىكىچى خىتايلار تارتىپ ئالغان ھاياتلىق ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نامايىش قىلىپ كوچىغا چىققاندا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشىغا مەھكۇم بولدى.
قوراللىق كۇچ، ماددى كۇچ ئالدىدا ئۇيغۇرلار مەغلۇپ بولدى. لېكىن، ھەققانىيەت، ئادالەت، تەبىئەت ھەقىقەتلىرى ئالدىدا ئۇيغۇرلار غەلىبە قىلدى.
قورالسىز كىشىلەرگە ئوق چىقىرىش بىلى بوشلارنىڭ مەنتىقىسى ئىدى. قوراللىق خىتاينىڭ باستۇرۇشى ئالدىدا مەرتلىك بىلەن كۆكرەك كېرىپ ھەيۋىدىن، ئۇچۇپ تۇرغان ئوقتىن قورقماي مىللەتنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش، ئۇيغۇردەك ئەركەك مىللەتنىڭ باتۇرلۇقى ئىدى.
ئۇيغۇر،مىللىي غورۇر بىلەن قەدىر - قىممەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە كېرەك بولىدىغان باتۇرلۇقنىڭ، ئەخلاقىي تاللاشنىڭ ۋە ئەقلىي تاللاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەن مىللەت ئىدى.
قوراللىق خىتايغا قارشى ئالدىغا قاراپ يۈگرىگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر يىگىت، ۋەتەننى قوغداشنىڭ، مىللىي ئار - نۇمۇسنى ئاقلاشنىڭ، ئۇيغۇر شىجائىتىنى كۆرسىتىپ قويۇشنىڭ ئۆلگىسىنى ياراتتى.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ ئىككىنچى قېتىم "شىنجاڭ "غا بېرىپ "خىزمەتلەرنى" كۆزدىن كۆچۈرگەندە "شىنجاڭ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق "دەپ خۇلاسە چىقاردى. غەيرەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قورقۇنچلۇق كۆرۈندى. ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق يولىدا ئىزدىنىپ ئەسلى دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئاتلانغان ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قورقۇنچلۇق كۆرۈندى. ئويغىنىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار، ئىتتىپاقلاشقان ئۇيغۇرلار، ئۆلۈمدىن قورقمىغان ئۇيغۇرلار مىڭ جيەنجۇغا قورقۇنچلۇق كۆرۈندى. خىتاينىڭ مىللىي ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىنى رەت قىلىپ، مۇستەملىكىچىلەر كالونىنىڭ كۆچۈپ كېلىشىنى رەت قىلىپ، مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداۋاتقان ئۇيغۇرلار مىڭ جيەنجۇغا قورقۇنچلۇق كۆرۈندى.
ھاياتلىق بۇ، كۆرەش دېمەكتۇر. ھاياتلىق رىقابەت، ھاياتلىق ئېلىشىش، ھاياتلىق مۇھەببەت، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھاياتلىق تەڭ كۆرگەننى تەڭ كۆرۈش، پەس كۆرگەننى پەس كۆرۈش دېگەنلىكتۇر. ھاياتلىق قاغا بولۇپ مىڭ يىل ياشىغىچە، مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن بۆركۈت بۇلۇپ بىر كۈن ياشىغان ياخشى دېگەنلىكتۇر.
بۈگۈن بۇ قايغۇلۇق كۈندە، بەلكى ئۇيغۇرنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرىنى ئەسلەيدىغان كۈندە، 60 يىلدىن بېرى مۇستەملىكىچى خىتاي يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئەزىزلەرگە، شېھىتلەرگە بىر ئاللاھتىن رەھمىدىللىق تىلەيمىز. تۈرمىدە يېتىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا، بىگۇناھ قولغا ئېلىنغان تور بىتى باشقۇرغۇچى مەمەتجان ئابدۇللاغا، دىلشات پەرھاتقا، ئوغۇللىرىم ئابلىكىم ئابدۇرېھىم، ئالىم ئابدۇرېھىملارغا غەيرەت ۋە ئىشەنچ تىلەيمەن.
خىتايغا قارشى كۆرەشتە شېھىت بولغان ئۈرۈمچى، قەشقەر، يەكەن، خوتەن ياشلىرى سىلەرگە، چەتئەلدىكى سىياسىي مۇساپىر ئۇيغۇرلار بىر ئاللاھتىن رەھمىدىللىق تىلەيمىز.
ئىشىنىڭلاركى، ۋۇجۇدۇڭلاردىن تۆكۈلگەن قان ھەرگىز بىھۇدە تۆكۈلمەيدۇ، ئىنقىلابى شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يازغان ئىدىكى، " سۇ ئاقار، ئاققان ئېرىقتا، سايدا تاشقىن ھەم قىيان!"