خىتاينىڭ تاشقىي موڭغۇلىيىدىكى تەسىر كۈچى كۈچىيىشكە باشلىدى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 2000‏- يىلدىن كېيىنكىخىتاي مەبلىغىنىڭ تاشقىموڭغۇلىيىگە ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ كونا مۇستەملىكىسى تاشقى موڭغولىيىدىكى تەسىر كۈچى كۈچىيىشكە باشلىغان.

0:00 / 0:00

بۇنىڭغا ئەگىشىپ، خىتاي شىركەتلىرى تاشقى موڭغۇلىيىدە ئاچقان كانلاردا ئىشلەيدىغان خىتاي ئىشچىلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەن ئىدى. لېكىن، بۇ يەرلىك موڭغۇللارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، موڭغۇلىيىدە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى "پان -موڭغۇلىيە" ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىنى ئالغا سۈرگەن. رادىئومىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى موڭغۇلىيىدىكى بۇ ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلىپ، موڭغۇلىيىنىڭ خىتايغا يەنە بىر قېتىم مۇستەملىكە بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھ بولۇشنى تەلەپ قىلدى. سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ 1945 ‏- يىلى ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىشىنىڭ سىرى سوۋېت-خىتاي ئارىسىدىكى موڭغۇلىيە سودىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن