قەلب مايىللىقىنى "قولغا كەلتۈرۈش"كە ئەمەس، ئۇيغۈرلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش ئۈنۈمىگە، رازىلىقىنى "قولغا كەلتۈرۈش" ئۈنۈمىگە ئەمەس، ئۇيغۈرلارنىڭ بىزارلىقىنى، نارازىلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە، جۇڭخۋا دېگەن ئىسىمنى "تۇنۇش بىرلىكى" نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە ئەمەس، "جۇڭخۋا "ۋە خىتاي دېگەنلىك - كونا مۇستەملىكىچى، دېگەنلىك دەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ" جۇڭخۋا"، خىتاي ئىسىملىرىغا نەپرەت ياغدۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.
1 - "ھەر مىللەت ياش ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدىكى چۈشەنچە بىرلىكى"دە : خىتاي ئۆسمۈرلىرى، ئۇيغۈر ئۆسمۈرلەرنى، بىزنىڭ - خىتايلارنىڭ بالا قۇللىرى، بالا دېدەكلىرى، بالا ئىشلەمچىلىرى، بالا پادىچىلىرى، بالا دېھقانلىرى دەپ چۈشەنسە؛ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر، خىتاي ئۆسمۈرلەرنى: يېقىن كەلگۈسىدە ساقچى، ھەربىي بولىدىغان ئۆسمۈرلەر، ئاپتونوم رايونغا سېكرېتار بولىدىغان ئۆسمۈرلەر، پويىز ھەيدەيدىغان ئىنژېنېر بولۇپ، ئۇيغۇرىستاننىڭ بايلىقىنى توشۇپ كېتىدىغان ئۆسمۈرلەر، ساقچى بۇلۇپ تۈرمىلەرگە قارايدىغان ياكى تۈرمە باشقۇرىدىغان ئۆسمۈرلەر، خىتاي ئۆسمۈرلىرى ئەنە شۇنداق ئۆسمۈرلەر دەپ چۈشىنىشكە باشلىدى.
2 - "خەنزۇ(خىتاي) ئائىلە باشلىقلىرى" ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنى: بىزنىڭ - كۆچمەن خىتايلارغا بالا قۇللارنى تۇغۇپ چوڭ قىلىپ بىرىدىغان، ئاشپەز، ناۋايلارنى، كاۋاپچى، دوغاپچى، قاسساپ، باققال تەربىيىلەپ بېرىدىغان ئائىلىلەر دەپ چۈشىنىشتى. ئۇيغۇر ئائىلىلەر بولسا، خىتاي ئائىلىلەرنى: چېگرادىن كىرگەندە لاتا خەيلىرىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ ئەپكەش كۆتۈرۈپ كىرگەن، بىرىنچى كۈنى كوچلىرىمىزنى سۈپۈرۈپ تازىلىغان، ئىككىنچى كۈنى تەرەتخانىمىزغا باشلىق بولغان، ئۈچىنچى كۈنى ياكى تەڭرىتاغ رايونىغا سېكرېتار بولغان، ياكى غا لىبىيەت كوچىسى ساقچىخانىغا ساقچى باشلىقى بولغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر دەپ چۈشىنىشكە باشلىدى.
3 - خىتاي بالىلار بىلەن ئۇيغۈر بالىلار ئۆز - ئارا خەت يېزىشارمىش. نېمە دەپ يېزىشىدۇ؟ خىتاي بالىلار خەت يازغاندا: مېنىڭ دادام قوراللىق ساقچى قىسىمدا ئىشلەيدۇ، ئۇيغۈر سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەندە، مېنىڭ دادام ئوق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ دەپ يازامدۇ؟ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر خىتاي ئۆسمۈرلەرگە نېمە دەپ خەت يازىدۇ؟ مېنىڭ دادام سىياسىي مەھبۇس ئىدى، سېنىڭ داداڭ، مېنىڭ دادامنى ئوق ئېتىپ ئۆلتۈردى دەپ خەت يازامدۇ؟
خىتاي ئۆسمۈرلەر بىلەن ئۇيغۈر ئۆسمۈرلەر زادى قانداق خەت يېزىشىدۇ؟
باشتا ۋاقىت ئىسراپچىلىقى دەپ تىلغا ئالغىنىمىزدەك، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەبىئەتتە ئۆتكەن ۋاقىت، 60 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىشىغا بىر مىنۇتمۇ يول قويمىدى. ئۇيغۇرلارغا نىسبىتەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈم يارىتىشتىن ئېيتقاندا، ئۇيغۈرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشلىرىغا كەتكەن ۋاقىتنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۆتۈپ كەتكەن 60 يىل بىھۇدە ئۆتكەن 60 يىل بولۇپ قالدى.
رەھمەتلىك مۇتەپەككۇرىمىز تۇرغۇن ئالماس:" ساقچى مۇنبەرگە چىققاندا قىيامەت قايىم بولىدۇ" دېگەن ئىدى. خىتاي ساقچى تارىخ سۆزلەپ " جۇڭخۇا" دېگەن ئىسىمنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىغاندا، خىتاي ساقچى قانۇن تۈزۈپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندا، دۇنيادا نېمە ئىش يۈز بىرە ر؟
خىتاي ھۆكۈمىتى چۈشىنىشى كېرەككى، مەجبۇرىي خىتايچىلاشتۇرۇش ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ. ھەر قانداق شەيئى ئەينى ۋاقىتتا شۇ شەيئىنىڭ ئۆزى.
ئىككىنچى سورۇن، ئىككىنچى ۋاقىتتا شۇ شەيئى ۋە ھادىسىلەر، ئۆزىگە قارشى شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى تەييارلاپ چىقىدۇ. مەجبۇرلاپ خىتايچىلاشتۇرۇش بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يوقىتىش سىياسىتى بولۇپ ھېسابلانسا،مەجبۇرلاشقا قارشى، مەجبۇرلاش بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىككىنچى بىر خىل شەيئى ۋە ھادىسىلەر، بىرلەمچى مەجبۇرلاشنىڭ ھاسىلاتى بولۇپ قالىدۇ.
بۈگۈن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى مىڭە يۇيۇش، خىتايلاشتۇرۇشنى مەجبۇرىي يولغا قويغاندەك، قېرى مۇستەملىكىچى ئەنگىلىيە تارىختا ھىندىستاندا ئىختىيارىي ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويغان.ئاخىرى نېمە بولدى؟ ئىنگىلىز تىلىنى ئۈگەنگەن ھىندىلار، ئىنگىلىزلارنىڭ قولىدا تەلىم - تەربىيە كۆرگەن ھىندىلار، ئىنگىلىزلارنىڭ قولىدا مىڭىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن ھىندىلار ئاخىرى ئەنگىليە مۇستەملىكىچىلىرىنى ھىندىستاندىن قوغلاپ چىقىرىپ، مۇستەقىل ھىندىستاننى قۇرۇپ چىقتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.