ئۇيغۇرنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى، مۇستەملىكە رېئاللىقىنى ۋە كەلگۈسىنى تەسۋىرنىڭ ئىلكىگە ئېلىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرغا مەنىۋى ئوزۇق تەييارلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۈمىدسىز كىشىلەرگە ئۈمىد پەيدا قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرنى، ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە تونۇتۇش ئۈچۈن تۇرغۇن ئالماس «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، تارىخنىڭ قۇم-بارخانلىرىغا كۆمۈلۈپ قالغان ئۇيغۇرنىڭ مىللىي روھىنى، ئۆتمۈش تارىختىن يەنە رېئال زامان تارىخىنىڭ سەھنىسىگە ئېلىپ چىققان ئىدى. ئۇيغۇرنىڭ مىللىي روھى ئۆزىگە كېرەك بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولسا مىللەت ھالاكەتكە يۈزلىنەتتى.
چۈنكى، ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەت قاتارىدا ئوخشاشلا ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئىرادىنىڭ كۈچىگە تايانمايدىغان بولسا، مىللىي روھنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرى بىلەن قايتىدىن بىرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايتتى.
مىللىي روھنىڭ يەنە بىر تەرىپى-ئۆزلۈك ئېڭى، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان، لېكىن پەيلاسوپ گېگىلدىن كېلىۋاتقان ئۆزلۈك ئېڭى ئۇقۇمى بويىچە، مىللەتنىڭ ئۆزىنى يەنى مىللەتنى تونۇش ئېڭى، مىللەتنى تونۇشنى، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە قانداق ھالەتتە، ئەركىن ھالەتتە مەۋجۇتمۇ ياكى قۇل ھالەتتىمۇ، دەپ ئايرىيدىغان مەۋجۇتلۇقىنى تونۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلاتتى. ئۇيغۇرلاردا ئۆزلۈك ئېڭى مىللەتنىڭ ئۆزىنى تونۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىلا ئاندىن بۇ ئۇقۇم ئۇيغۇرغا خاس ئۆزلۈك ئېڭى دەپ ئاتىلاتتى.
مەرھۇم تۇرغۇن ئالماس «ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق تارىخ ئەسىرىنى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى تارىخنىڭ جەريانلىرىدىن، مۇستەملىكە رېئاللىق ئىچىدىن، ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئۆز-ئارا كۈرىشىدىن تېپىۋېلىشى ئۈچۈنلا، ئۇيغۇرلارغا مەنىۋى ئوزۇق ئورنىدا يېزىپ بەرگەن.
ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا، مىللەتنىڭ ئۆزىنى تونۇشى يېتەرلىك بولدىمۇ ياكى يېتەرلىك بولمىدىمۇ؟ مىللەت ئۆزىنى تونۇغان تارىخنىڭ مۇساپىلىرىدە، ئۇيغۇر مىللىتى ئىنقىلاب بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. مىللەت ئۆزىنى تونۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغاندا پاسسىپ ھالەتتە كۈتۈپ تۇردى، ئۈمىدسىزلەندى، تەركى دۇنيا بولدى. ئەگەر «ئەركىن ئىرادە» ۋە مىللىي روھ داۋاملىق قىزغىنلىققا، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە ئىزدىنىشكە تۈرتكە بولىدىغان قىزغىن ۋەتەنپەرۋەرلىككە تويۇنمايدىكەن، تارىخنىڭ مۇرەككەپ جەريانلىرىدا ھەرگىز ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. مىللىي روھ، پەقەت مىللىي روھنىڭ كۈچى ئارقىلىقلا مىللىي روھنىڭ مەقسەتلىرىگە يېتەلەيدۇ. مىللىي روھنىڭ مەقسەتلىرى دېگەن نېمە؟ مەقسەتلىك ئاڭ بىلەن دېموكراتىك شەخسىيەتچىلىك، بۇ مىللىي روھنىڭ مەقسەتلىرىدۇر. مىللىي روھقا مەنسۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىغا ئىگە ھەر قانداق ۋەتەنپەرۋەر كىشى 1-ئاڭلىق مەقسەتلىك 2-دېموكراتىك شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىلىرىنى تەييارلىشى شەرتسىز بولىدۇ.
مەرھۇم مۇتەپەككۇرىمىز تۇرغۇن ئالماس ئەۋلادى ئۇيغۇرلارغا «ئۇيغۇرلار» ناملىق تارىخى ئەسىرى ئارقىلىق تارىخىي قىزغىنلىق، تارىخىي ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەركىن ئىرادىنىڭ تارىخىيلىقى، زامانىۋىلىقى، ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ تارىخىيلىقى ۋە زامانىۋىلىقى، ئاڭلىق مەقسەت ۋە مەقسەتلىك ئاڭ، رادىكال ئەمەس، بەلكى ئەقلىي مىللەتچىلىك، ھازىرقى زامانمۇ ھەرگىز چەتكە قاقمايدىغان، دېموكراتىك شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق «مەن بىلىمەن، مەن بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىنى» دەيدىغان بىلىش دائىرىسىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىغا تەقدىم قىلدى.
مەرھۇم مۇتەپەككۇرىمىز تارىخ ئېڭى بويىچە كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلىگۈچى قەھرىمان ئىدى. تۇرغۇن ئالماس 1968-يىلى مىللەتچى، ئەكسىلئىنقىلابچى جىنايىتى بىلەن قارىلىنىپ خىتاينىڭ ليۇداۋان تۈرمىسىدە 8 يىل ياتقان ئىدى.
«روھىي ئەركىنلىكنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى دۆلەت ئىدى؛ دۆلەت ئەركىنلىك بىلەن قىزغىنلىقنىڭ كونكرېت بىرلىكى» ئىدى. گېگىلغا شۇنداق ئىدى ھەم تۇرغۇن ئالماسقىمۇ شۇنداق ئىدى. ھەممىمىز ئۈچۈن ھەم شۇنداق ئىدى.