ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرى ھەرگىز خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ

تەڭرىتاغ تور بېتى 8‏-ئاينىڭ 16-كۈنى «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قوش تىل بىلەن تەربىيىلەش مەركىزىگە ئۇل سېلىندى» ماۋزۇلۇق شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىنى كۆچۈرۈپ باستى.

0:00 / 0:00

ماقالىدە ئاقسۇ شەھىرىدىكى 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان قوش تىل تەربىيىلەش مەركىزىگە يېقىندا ئۇل سېلىندى دەپ كۆرسەتتى.

مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، ئاقسۇ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئايجامال ئۆمەر بۇلتۇر شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا قوش تىل تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپنى سۇنۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوش تىلدا تەربىيىلەش تەكلىپىنى بەرگەن. دېمەك بۈگۈن تەڭرىتاغ تورى تارقاتقان خەۋەرنىڭ روھىدىن قارىغاندا، قوش تىل بىلەن تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىندى دېگەن سۆز.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى جەرىمانىگە تايىنىپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغاندەك، يېزىلاردا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سىياسىتىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ، دېھقانلاردىن پۇل يىغىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى داۋالىغاندەك، ئەمدىلىكتە ئاقسۇ شەھىرىدە قۇرۇلىدىغان قوش تىل مەركىزىگە سەرپ قىلىدىغان 80 مىليون مەبلەغ قەيەردىن كەلگەن مەبلەغ؟ «شىنجاڭ گېزىتى» ماقالىسىدە، پۇلنىڭ كېلىش مەنبىئى توغرىسىدا بىر نېمە دېمىدىغۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇ پۇل ئاقسۇ شەھەر ئاھالىلىرىدىن، بەلكى پۈتكۈل ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن، ئۇيغۇر خەلقىدىن يىغىپ ئېلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار خىتاي تىلى ئۆگىنەمدۇ؟ خىتاي تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. خىتاي تىلىغا بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى بويىچە مۇئامىلە قىلغاندا،خىتاينىڭ سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يازغۇچى ۋاڭ مىڭ 80‏-يىللاردا خىتاي تىلى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئەدەبىيات نەزەرىيىسى گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە «خىتاي تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغىلى بولمايدۇ، شۇڭا جۇڭگودىن ئالەمشۇمۇل يازغۇچى ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ،خىتاي تىلىدا ناخشا ئىجات قىلغىلى ۋە ناخشا ئېيتقىلىمۇ بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

ئىپادىلەش ئارقىلىق ئىستىتېزملىق تۇيغۇ ياراتقىلى بولمايدىغان خىتاي تىلىدا، ئىشىنىشكە بۆلىدىكى، مۇئەييەن پىكىرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن لوگىكىلىق پىكىر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. خىتاي تىلىنى ئۆگەنگەن كىشىلەرگە سىر ئەمەسكى، كوممۇنىستلار رەھبەرلىكىدىكى خىتايدا ھازىرغىچە كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ماركسىزملىق 8 جۈپ پەلسەپىۋى كاتېگورىيىنى شەرھلەپ بەرگەن ئەي سىچىدىن باشقا بىر پەيلاسوپ خىتاي ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق ياكى جۇڭگولۇققا كېرەك بولغان، جاھان خەلقىمۇ پايدىلانسا بولىدىغان ئۇقۇملاشقان نەزەرىيىۋى بىر پارچە كىتاب ئېلان قىلىنغىنى يوق. قىسقىسى بىر كاتىگورىيىمۇ ئىجات قىلالىغىنى يوق. مىليارد نوپۇسى بار بىر دۆلەت....

بىر مىللەت تىلىنىڭ ئىقتىدارى ئىپادىلەش-قانداق ئىپادىلەش؛ ئىسپاتلاش-قانداق ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت، ئاۋۋالقىسى ئوبرازلىق تەپەككۇرغا، كېيىنكىسى ئابستراكت تەپەككۇرغا تەئەللۇق بولغان قىسقىسى ئۇقۇم يارىتالايدىغان بىر تىل مۇھىتى بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. تىل بىلەن تەپەككۇر ئەنە شۇنداق مۇھىتتا پائالىيەت قىلىپ، دۇنياغا ۋە شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتكە ئۇقۇم، كاتېگورىيە تەقدىم قىلالايدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تىل ھەم تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتى ماسلىشالمىسا تەرەققىيات دېگەن بۇ ئۇقۇمنى قانداق چۈشەنگۈلۈك؟!

مۇئەييەن تىلدا ئۇقۇم بىلەن كاتېگورىيە يارىتىشقا تىل مۇھىتى تەييارلاپ بېرەلمەيدىغان خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش ئۇيغۇر ئۈچۈن كۆتۈرۈپ قوپالمىغۇدەك ھاقارەت بولسىمۇ، ئۇيغۇر بىر خىل كۈچنىڭ كۈچنىڭ مەجبۇرلىشىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

ھىندىستاندا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن ھىندىلار ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجاندا رۇسىيىنىڭ مىللىي ھۆكۈمرانلىقىنى رۇس تىلىنى ئۆگەنگەن قازاق، قىرغىز، ئازەرىيلار ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. تىل يوقىلىش بىلەن مىللەتمۇ يوقىلىدۇ دەپ ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىش تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. كوممۇنىزمنى ئىجات قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ستالىن «دۇنيادا مىللەتتىن باشقا ھەممە نەرسە يوقىلىدۇ، مىللەت يوقالمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەندەك، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرى ھەرگىز خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ.

ئۇيغۇرلار-ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا دۆلەت قۇرغان، ئۆزىنىڭ تىلىنى ياراتقان، كۈچ ۋە ھوقۇق بىلەن سەلتەنەت تىكلىگەن، قوشنا ئەللەرگە مەسىلەن، جۇڭگودەك مەملىكەتلەرگە تەھدىت سېلىپ سەددىچىن سېپىلىنى سېلىش مەجبۇرىيىتىگە دۇچار قىلغان، بۈگۈنكى بېيجىڭ شەھىرىنى سېلىپ بەرگەن، چاڭئەن شەھەر خەلقىنى ئۇيغۇرچە ناخشا-ئۇسۇل ئويناشقا ئۆگەتكەن، خىتاينىڭ تاڭ خانىدانلىقىغا ھەربىي جەھەتتە ياردەم بەرگەن.

تارىختا شۇنداق قىلالىغان ئۇيغۇرنى بۈگۈن خىتاينىڭ مىللىي ھۆكۈمرانلىرى يوقىتالامدىكىنە؟!