خىتايدا جۇمھۇرىيەت قۇرغان گومىنداڭ پارتىيىسى 1948-يىلى ئىچكى ئۇرۇش ئارقىلىق ئاغدۇرۇلۇشنىڭ ھارپىسىدا، 1944-يىلى مۇستەملىكىسى ئۇيغۇرىستاندا مۇستەقىللىق جاكارلاش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇرلارغا قارشى مۇستەملىكە ئۇرۇشى قوزغاپ، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى. ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق جاكارلىدى. گومىنداڭ پارتىيىسى ھەم مۇستەقىلچى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ھەم خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە مەركەزلەشكەن زىددىيەتلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىتتىرىپ قويۇپ، «ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولماقچى» دەيدىغان تەشۋىقات ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرىنى تەھدىت ئالدىدا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنى كۆزلىگەن.
ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك دۇنياۋى غەۋغالار كۆتۈرۈلگەندە، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا سىياسىتى جەنۇبىي دېڭىزغا مەركەزلەشكەندە، خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيىغا مۇناسىۋەتلىك خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئوبرازى تۆكۈلۈشكە باشلىغاندا، «جۇڭگو باش كۆتۈردى» دەيدىغان تەشۋىقات تېزىسلىرى تور بەتلىرىدىن ئۆچۈشكە باشلىغاندا، غەرب دۇنياسىنىڭ نەزىرىدە ئىقتىساد ساھەسىدە «ئۈمىد يۇلتۇزى» بولۇپ قالغان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى 2011-يىلىدىن باشلاپ قىيىن مەزگىلگە يىتىپ كەلگەندە، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى «يىلپىز ئالاھىدە ئەترىتى»نى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇيغۇرىستاندا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى.
ئەينى چاغدا خىتاي گومىنداڭى ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلارنى «ئوغرىلار» دېگەن بولسا، ئەمدىلىكتە كوممۇنىست خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرىنى ئېتىراپ قىلماي ئەكسىچە «تېررورچى»، «ئەسەبى دىنىي رادىكال» دەيدىغان تۆھمەتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تەشۋىق قىلىپ، خىتاي كۆچمەن پۇقرالىرىنى قورقۇتۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىكىنى ئۇرغۇتۇپ، قولىغا كالتەك بېرىپ، ئۇيغۇرغا قارىشى ئومۇمى خەلق ئۇرۇشى قوزغاشقا تەييارلانماقتا.
كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قائىدىسى، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلىتەتتى. بۇ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان بارلىق كوممۇنىستلارغا ئوخشاش قائىدە ئىدى. ئىقتىساد ساھەسىدە ئەركىن بازار ئىقتىسادىنى يولغا قويۇپ، سىياسەت ساھەسىدە كوممۇنىستىك دىكتاتورا ۋە كوممۇنىزمنىڭ پرىنسىپلىرىدىن ۋاز كەچمەي، ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن شۇغۇللىنىش خىتاينىڭ تىلىدا «جۇڭگوچە ئەندىزە» دەپ ئاتالدى.
2009-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جۇڭگودا خۇسۇسىيلارنىڭ خۇسۇسىلاشتۇرۇش ئىدىيىلىرى چەتكە قېقىلىپ، رەھبەرلەرنىڭ ئىقتىسادىنى خۇسۇسىلاشتۇرۇش يولغا قويۇلدى. «ئەركىن بازار» بازار بولالماي قالدى. ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تايىنىدىغان ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئۆمرى كۆتە بولمامدۇ. ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆي-ئىمارەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى، مەبلەغ بانكىغا قايتىپ كېلەلمەيدىغان تىجارەتتۇر. خىتايچە تىجارەت شەكلى بۈگۈن خىتايدا پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، كەلگۈسىدە پۇل- مۇئامىلە كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادى «خالتا كوچىغا كىرىپ قالدى»
بۇ ھال شۇڭا، خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئاغدۇرۇلۇش تەھدىتى، ئۇيغۇرلارغا باستۇرۇلۇش تەھدىتى ئېلىپ كەلدى.