ۋاشىنگتوندىكى سۆھبەت ئاخىرلاشتى، خۇ جىنتاۋ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى باشلىۋەتتى
2011.01.25
خىتاينىڭ" باستۇرۇش ھەرىكىتى"، "زەربە بېرىش ھەرىكىتى" دەيدىغان سىياسىي زوراۋانلىقنى بەلگە قىلغان ھەرىكەتلىرى، خىتاينىڭ سىياسىي نەزەرىيىلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ باسقۇچلۇق، ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويماقچى بولغانلىقىدىن شەخسەن مەن تۇيۇقسىزلىق ھېس قىلدىم.
بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى فۇ چىياڭ سۆز قىلىپ:" ھەر دەرىجىلىك سىياسى-قانۇن تارماقلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن." باستۇرۇش توغرىسىدا دوكلات بېرىش بۇ كىشىنىڭ نامۇ-ئەمالىغا ماس كەلمەيدۇ. باستۇرۇش توغرىسىدا ۋەز ئېيتىش ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئىشى ئىدىكى، ھەرگىز ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ دائىرىسىدىكى ئىش ئېمە س ئىدى. خىتاي نېمە سىياسىي ئويۇن ئوينىماقچى بولدى؟
ئامېرىكا، خىتاي رەھبەرلىرى ۋاشىنگتوندا تۈنۈگۈن ئۇچرىشىپ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە خۇ جىنتاۋ ئۆتكۈزۈۋاتقان خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىپ تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغان مۇشۇنداق دەقىقىلەردە، مەملىكىتىگە قايتىپ بېرىپلا، يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش توغرىسىدا داۋراڭ سالغانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك ۋە قانداق چۈشىنىش كېرەك ئەمدى.
خۇ جىنتاۋ ئەپەندى، ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ خىتاي مەتبۇئاتلىرى، تور بەتلىرى، تېلېۋىزىيە-ئىكرانلىرى "خىتاي، ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نورماللاشتى "دەپ داۋراڭ قىلغاندەك، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەيدىغان ئامېرىكا دۆلىتى بىلەن خىتاى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتى نورماللاشقان بولسا، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتە - ئۆتمەيلا، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ،"بۆلگۈنچىلەر"نى باستۇرۇش توغرىسىدا غالجىرلىق بىلەن نۇتۇق سۆزلەيدىغان بولسا، بۇ ھال نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ھازىر ئۈرۈمچىدە ۋە باشقا شەھەرلەردە "كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش "سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كۆچمەن خىتايلارغا قاراتقان سىياسەتنى " ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتتە ئاھالىلەرنىڭ سودا ئالاقە بىلەن بېرىپ - كېلىپ تۇرۇشى" دەپ چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە شەھەر ئاتلاپ تىرىكچىلىكنىڭ كويىدا يۈرگەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتتە، يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قاماپ قويۇپ، ئولتۇراقلاشقان ئۆيلىرىنى چېقىپ تۈزلەپ، ئىرقى چەتكە قېقىش، ئىرقى ئايرىمىچىلىق، تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىدە كەمسىتىش، قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىش جەھەتتە كەمسىتىش، دوختۇرغا كۆرۈنۈش جەھەتتە كەمسىتىش، مائارىپ - تەربىيىلىنىش جەھەتتە كەمسىتىش، ئېلىم - بېرىمدە باھادا كەمسىتىش، ئىرقى ئاھالىلەر رايونى بەرپا قىلىپ كەمسىتىش، "5 موچەنلىك پارتىيە"نىڭ كۈچى ئارقىلىق مەتبۇئات، تور بىتى سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى كەمسىتىش قاتارلىق كونا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مىللەتچىلىك، يېڭى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىرقى ئايرىمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆز - ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا تەكرار زوراۋانلىق قىلىشنى چېكىدىن ئاشۇرۈۋەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا، خىتاي دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتى ئەمدىلا ئاياقلىشىغا، تىبەتتە ياكى مەملىكىتىنىڭ باشقا جايلىرىدا باستۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلماي، پەقەت ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالمامدۇ؟