ۋىن جياباۋنىڭ پوزىتسىيىسى ئۆزگەردى
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.03.23
2010.03.23
بۇنىڭدىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئىككى قۇرۇلتاي ئاخىرىلىشىپ ۋىن جياباۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە،ئامېرىكىنىڭ پۇل كۇرسى مەسىلىسىدە جۇڭگوغا قويغان تەلەپلىرىگە نارازى بولۇپ، پۇل مەسىلىسىدە جۇڭگوغا بېسىم ئشلەتتى دېگەن ۋە خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى شەرھىلىگەن.
" نيورك ۋاقىت گېزىتى" 2010 - يىلى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، "پرېزىدېنت ئوباما خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن بۇرۇنقى ئاجىز - يۇمشاق سودا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق ئۇسۇل قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن "دەپ كۆرسەتتى.
بۈيۈك ئېرا تور بىتى" 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى"ۋىن جياباۋنىڭ تەلەپپۇزى ئۆزگىرىپ، ئامېرىكىغا يارىشىش تەلىپىنى قويدى" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ۋىن جياباۋنىڭ "جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 5 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتتە،ئىككى چوڭ ئىقتىساد دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي كەيپىياتنى يۇمشىتىش ئىنتايىن مۇھىم " دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى 180 گرادۇس ئۆزگەردى. ئامېرىكا ھۆ كۈمىتى ئىشسىز قالغان 2مىليون پۇقرانىڭ غېمىدە قالغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشسىز قالغان 200مىليون پۇقرانىڭ غېمىدە قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان سودا سۈركىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايتتى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈشكە بېرىپ تاقىلاتتى.
خىتاينىڭ ئاۋۋالقى مەيدانىنى شۇ دەرىجىدە ئۆزگەرتىشىگە نېمە سەۋەب بولغاندۇ، پەقەت ئىشسىزلار مەسىلىسىمىدۇ - ياق! گوگۇل ئۇچۇر - ئالاقە شىركىتى ئاخىرى جۇڭگودىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلدى. بۇ قارار دەۋر بۆلگۈچ قارار بۇلۇپ قالدى. بۇ قارارنىڭ ئقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ قېلىشىدىن، سىياسەت، سۈز - مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قىممىتى ھالقىپ كەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتنىڭ جۇڭگو بازىرىدا خەلقئارا پىكىر ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق سودا پائالىيەت قىلىشىغا يول قويمىدى. گوگۇل شىركىتىنىڭ جۇڭگودىن چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقى جۇڭگونىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد جامائەت پىكرىگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن. غەرپ شىركەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگودا ئېلىپ بېرىۋاتقان سودا - تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ۋە ئىچكى سانائەت تورلىرى ئىقتىسادىنىڭ 67% ئەتىراپىدا دۆلەت ھالقىغان شىركەت ۋە كارخانىلارغا باغلىنىپ قالغانلىقى توغرىسىدا ئۇزۇندىن بېرى سۆزلەپ كەلگەن ئىدۇق. گوگۇل ۋەقەسىگە ئاساسلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا خىتاي جەمئيىتى ئامېرىكا ۋە غەرب شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى سودا پائالىيەتلىرىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ھىندونېزىيىدىن، بىر قىسمى ھىندىستاندىن بازار ئىزلەشكە باشلىدى. بۇ ھال خىتاينىڭ كۈپۈكلەشكەن ئىقتىسادىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ شۇڭا ۋىن جياباۋ ئىككى ھەپتە بۇرۇنقى پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئالدىراپ - تېنەپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى.