خىتايدا باشلىق بولغۇچىلار ھەرگىز پۇقراغا ۋەدە بەرمەيدۇ. ئەمما رۇسىيىدە باشلىق بولغۇچىلار پۇقرالارغا ئانچە-مۇنچە ۋەدە بەرسىمۇ، بىراق ھەممىدىن يامىنى رۇسىيىدە ۋە خىتايدا ھوقۇقى باقىمەندىلىك تۈزۈمى ھېچ قاچان ئۆزگەرتىلگىنى يوق.
بۇ قانداقتۇر ھوقۇقى باقىمەندىلىك، ھوقۇقنى مونوپولىيە قىلىش كوممۇنىستلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بولۇپ قالماستىن بەلكى ھوقۇقى باقىمەندىلىك رۇس بىلەن خىتاينىڭ مىللىي خاراكتېرىنىڭ بىر تەرىپىدۇر. بولۇپمۇ رۇس بىلەن خىتاينىڭ ئەخلاق ۋە قانۇننى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ جەمئىيەتكە كۈچ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىش خاراكتېرىنىڭ بىر تەرىپىدۇر.
رۇسىيىدە بولىدىغان سايلام خۇددى ئۇ يانچۇقتىكى تۇخۇمنى بۇ يانچۇققا سېلىپ ئالماشتۇرۇپ قويغاندەك بىر ئىشتۇر.
ياۋروپادا ۋە غەرب دۇنياسىدا كىشىلەر رۇسىيىنىڭ ھوقۇق ساھەسىدە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر تاشلاپ، بۇنداق ئالماشتۇرۇشنىڭ دېموكراتىك سايلامغا، پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي رىقابەتنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىشىغا ھاقارەت قىلغانلىق دەپ قارايدىغان بولسا، ھەر ھالدا بۇنداق كۆز قاراشنى خاتا دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.
بۇ قېتىم ۋىلادىمىر پۇتىن يەنىلا يۈزى قىزارمىغان ھالەتتە ھەم يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، بىر دىپلوماتنىڭ قابىلىيىتى ئارقىلىق سۆز- چۆچەك تارقىتىپ، رۇسىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ جەريانىغا غەرب دۇنياسىنىڭ سوغۇق نەزەر تاشلىشىغا جاۋاب بەرمەكچى بولغان بولسا كېرەك.
ۋىلادىمىر پۇتىنغا سىر ئەمەس ئىدىكى، رۇسىيىنىڭ خانلىقلىرىدىن تارتىپ چار رۇسىيە ھاكىمىيىتىگىچە، چار رۇسىيىدىن تارتىپ لېنىن، ستالىن روسىيىسىگىچە ھەتتا مەرھۇم يېلتسىن دەۋرىگىچە رۇسىيىدە بولۇپ ئۆتكەن تارىخى سىياسىي داۋالغۇشلاردا ھەر قانداق بىر چەتكە قېقىلغان سىياسىي كىشى ياكى سىياسىي سەرگەردان كىشى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنىشقا، ئېتىلىپ كېتىشكە، تۈرمىدە يېتىشقا رازى بولغان ئىدىكى، ھەرگىز خىتايغا قېچىپ كېلىپ سىياسىي پاناھلىق ۋە سىياسىي ياردەم تىلىمىگەن ئىدى. ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ قېتىم خىتايغا كېلىپ، خىتاي دىپلوماتىيىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارادا سىياسىي نوپۇزىنى تىكلىمەكچى بولغان بولسا، مېنىڭچە بۇنداق قىلىق ئالېكساندىر نېۋسكىنىڭ مىللىتى، تولستوينىڭ مىللىتى - رۇس مىللىتىنىڭ سىياسىي ئەنئەنىسىگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر.
ئامېرىكا ئاۋازى تور بېتىدە، «رۇسىيە رەھبەرلىرى خىتايپەرەسلىك سىياسىتىنى غەرب دۇنياسىنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىماقچى بولغان بولسا بىراق، رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بارغانسېرى ئارزۇغا چۇشلۇق دەرمانىنىڭ يوقلۇقىنىمۇ ئاشكارىلىدى» دەپ كۆرسەتتى. رۇسىيە گېزىتلىرى بولسا، «نۆۋەتتە رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ كالتە پەملىكى، كالتە نەزەرلىكى، رۇسىيىنىڭ خەلقئارا ئورنىنى تېخىمۇ تۆۋەنلەتتى» دەپ كۆرسەتتى.