شىنجاڭ مالىيىسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى

«تەڭرىتاغ» تور بېتى 2011‏-يىلى 8‏-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، «ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ 2011-يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ‹پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ماسلاشقانلارغا مۇكاپات بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش› نىڭ روھىغا ئاساسلىنىپ، يېقىندا ئاپتونوم رايون مالىيىسى 20 مىليون 320 مىڭ 950 يۈەن پۇل ئاجرىتىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ماسلاشقانلارغا مۇكاپات بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى» دەپ كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

2011‏-يىلى، 10‏-ئاينىڭ 3‏-كۈنى «تەڭرىتاغ» تورى «شىنجاڭنىڭ مالىيە كىرىمى شىددەت بىلەن ئۆستى، پۇقرالار ئىنتايىن كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتى» ماۋزۇلۇق خەۋەر تارقاتتى. خەۋەردە «بىر نەچچە يىللاردىن بېرى رايونىمىزغا سودىگەر چاقىرىپ، كاپىتال جەلپ قىلىپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە يەر ئاستى بايلىقىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە بۇ يىل 1‏-ئايدىن 8‏-ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە كىرىمى 6يۈز 85 مىليون 9يۈز 90مىڭ يۈەن بولدى»، دەپ كۆرسەتتى.

كىمنى زاڭلىق قىلىدۇ «شىنجاڭ مالىيىسى»؟ بىر ئۆلكىنىڭ مالىيىسى ئاران شۇنچىلىكمۇ؟ نېفىت چىقىدىغان، تەبىئىي گاز چىقىدىغان، 138 خىلدىن ئارتۇق رەڭلىك، رەڭسىز مېتال چىقىدىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ مالىيىسى ئاران شۇنچىلىكمىكىنا!!!

يۇقىرىقى مىسالدا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ھەر يىلى چىڭ تۇتىدىغانلىقى ئاشكارا بولدى. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ماسلاشقان ئۇيغۇر ئايالنى تۇغماس قىلىۋېتىش، ھامىلىدار بولغان جۇگانلارنى ئوپېراتسىيە قىلىش، كېچىكىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلاش، توي قىلىشتىن ئاۋۋال بالا تۇغماسلىق توغرىسىدا توختام تۈزۈش قاتارلىق خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تۇغۇتنى چەكلەش ۋاسىتىلىرى ئەمەلىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن مىللىي قىرغىنچىلىق، ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن قىلىش سىياسىتى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق توختامغا قول قويغان ئۇيغۇر ئائىلىلەرمۇ، مەجبۇرلانغان ھالەتتە قول قويغاندىمۇ، تارقاتقان مۇكاپاتنى قوبۇل قىلغانلا بولسا، بۇ ئائىلىلەر يالغۇز خۇدانىڭ ئالدىدىلا گۇناھكار ئەمەس. بەلكى، مىللەتنىڭ ئالدىدىمۇ گۇناھكار بولىدۇ.

مالىيىنىڭ ئۆسكەنلىكى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق بىر نەچچە نازارەت، مەسىلەن، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق نازارىتى، پوچتا- تېلېگراف، قاتناش نازارىتى قاتارلىق نازارەتلەر بىۋاسىتە خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە باج تۆلەيدۇ. ئۇنداقتا يۇقىرىقى كۆپەيگەن مالىيە قەيەردىن كەلگەن؟

بىڭتۇەننى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا قۇرۇلغان شىركىتى دېيىشكە بولىدۇ. بىڭتۇەن بوز يەر ئاچقانلىقى ئۈچۈن ئاپتونوم رايونغا بىر تىيىن باج تۆلىمەيدۇ، مەركەزگە تۆلەيدۇ. كۈلكىلىك يېرى شۇ يەردىكى، ھەتتا مەركەزگە قاراشلىق نېفىت شىركەتلىرى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا يەر بايلىقىنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن، ئېچىش بېجىنى مەركەز تۆلىمەيدۇ بەلكى ئېچىش بېجىنى ئاپتونوم رايون مەركەزگە تۆلەيدۇ. ئۇنداقتا يۇقىرىقى مالىيە قەيەردىن كەلگەن مالىيە، ئۇ؟! شىنجاڭ مالىيىسىگە كىرىدىغان پۇل ئۇيغۇر پۇقرالىرىدىن شىلىپ ئېلىنغان پۇل دېسەڭلارچۇ؟ ئۇيغۇرلاردىن شىلىپ ئېلىنغان مالىيىگە كىرگەن پۇل ئارقىلىق، پىلانلىق تۇغۇتقا ماسلاشقان ئۈلگىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىش يولى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ قولى ئارقىلىق نەسىل قۇرۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش بۇ، گىتلېرچە گاز بىلەن ئۆلتۈرۈشنىڭ ئىككىنچى بىر خىل شەكلىدۇر.