«ئۇيغۇرىستان، تىبەت، تەيۋەن مەسىلىسى خىتاي، ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە»

ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ۋاشىنگتوندا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەر دىئالوگى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ سۆھبەتتە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسى، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئىستراتېگىيىلىك سىياسىي دىئالوگلار ئەتراپلىق ۋە كۆپ تەرەپلىمە سۆھبەتلىشىشلەر بىلەن باشلاندى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.05.10

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ دېيىشىچە، يەر شارى بويىچە ئىككى ئىقتىسادى گەۋدە ھېسابلانغان ئىككى دۆلەتنىڭ سۆھبىتى دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى. نۇرغۇن ئۇچرىشىشلار مەخپىي، يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلدى. 45 مىنۇت ئۆتكۈزۈلگەن ئاشكارا-ئوچۇق سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا دائىمىي تېما پېرېۋوت ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە سۆزلەشكەندە، ئامېرىكا تەرەپ خىتاي تەرەپكە بېسىم ئىشلەتتى. لېكىن، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىپ يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە كەيپىيات بىر قەدەر مۇلايىم بولدى دېيىشتى خىتاي تور بەتلىرى.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مەنپەئەتنىڭ توقۇنۇشتىن كۆپ ئىكەنلىكىمۇ قەيت قىلىندى.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كەلسەك، پرېزىدېنت ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى يىلدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تازا ئاكتىپ بولمىغانلىقىنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغان.

ئوچۇقراق ئېيتساق، 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ئۈرۈمچىدە تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغاندا، ئاقساراي ئېلان قىلغان بايانات يۇمشاقراق بولۇپ قالغان ئىدى.

بۇ قېتىم مۇئاۋىن پرېزىدېنت بايدىن ئەپەندى، دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھىللارىي كىلىنتون خانىم ئىككى دۆلەت سۆھبىتى باشلانغاندا: «ئوباما ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە دىققەت قىلىشنى كۈچەيتتى» دەپ كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرۈۋالدۇق.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت بايدىن ئەپەندى يەنە: «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېغىر ئىختىلاپلار مەۋجۇت. بىراق پرېزىدېنت ئوباما شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، نېگىزلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنىڭ ياخشى چارىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

2009-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى پرېزىدېنت ئوباما ئاقسارايغا كىرگەندىن كېيىن، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرى تىبەت مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىنىڭ جۇڭگو، ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى رەئىس خۇ جىنتاۋ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسى خىتاي، ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن نازۇك، ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئاكتىپلىرى بولسا، مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا، بۇ قېتىم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاتتىق دىققەت ئاغدۇرغانلىقىدىن ئۈمىدىمىز زور دېيىشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.