يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى كۈچلۈك سىگنال تارقاتتى

2-ئاينىڭ 22-كۈنى خىتايغا نەزەر توربېتى «بېيجىڭ رەھبەرلىرى غەيرىي رەسمىي توپلاندى، ناھايىتى كۈچلۈك سىگنال تارقاتتى» ماۋزۇلۇق خەۋەر تارقاتتى.

0:00 / 0:00

خەۋەردە، «لوس ئانجېلىس ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى بېيجىڭدىن تارقاتقان خەۋەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش كۆتۈرۈلگەن پەيتلەردە، بېيجىڭ رەھبەرلىرى سادا قايتۇرۇپ، يېڭى ئۇسۇل بىلەن جەمئىيەتتە سىياسىي داۋالغۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» بىر بەتلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، 2-ئاينىڭ 19- كۈنى يىغىندا خۇ جىنتاۋ سۆزلىگەن سۆزنى تەكىتلىدى. يىغىنغا مەملىكەت بويىچە پېشقەدەملەر قاتنىشىپلا قالماي، سىياسىي بيۇرونىڭ 9 نەپەر دائىمىي ھەيئىتىمۇ قاتناشتى.

خۇ جىنتاۋ بېيجىڭدا پارتىيە مەكتىپىدە سۆزلىگەن سۆزىدە: «توربەت ئۇچۇرىنى باشقۇرۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش» توغرىسىدا توختالدى. قارىغاندا خۇ جىنتاۋ مىسىردا يۈز بەرگەن ئىنقىلابقا مۇناسىۋەتلىك خىتايدا تور بەتلىرىنىڭ قانداق ئاكتىپ ھەرىكەتكە كەلگەنلىكىنى، خىتايدا يەنە بىر قېتىملىق ئىنقىلابنىڭ يىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالغان ئوخشايدۇ.

خۇ جىنتاۋ يەنە «خۇسۇسىي شىركەتلەر»، «ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت»، «ئىجتىمائىي باشقۇرۇش»، «ئاقما نوپۇسلارنى باشقۇرۇش» توغرىسىدا سۆزلىگەن. بۇ خۇددى سەل كېلىشتىن بۇرۇن دەريا قاشلىرىنى قاشلىغاندەك ۋە بۇ توغرىدا سەپەرۋەرلىك دوكلاتى بەرگەندەك، خىتايدا ئىنقىلابنىڭ يىتىپ كېلىشى ئالدىدا، خۇ جىنتاۋ مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك دوكلاتى بەرگەندەك تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قايسى ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تەھلىلچىلەر:«خۇ جىنتاۋ جەمئىيەت ۋە مەتبۇئاتنى تىزگىنلەش توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى، تۇنىس، مىسىر، بەھرەيىن، لىۋىيە قاتارلىق ئەللەردە كۆتۈرۈلگەن نامايىش، بەزى كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرىنى تەۋرىتىپ قويدى، تاغنى تالقان قىلىدىغان ئاممىۋى غەزەپكە دۇچ كەلگەندە، كىشىلەر مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ ناھايىتى تىزلا تىزگىنلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ» دېيىشتى.

«جۇڭگو ياشلار گېزىتى»دىن دەم ئېلىشقا چىققان لى داتۇڭ ئەپەندى:«خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتتى، جىددىيلىشىشنىڭ دەرىجىسى ئادەتتىكى جىددىيلىشىشتىن ھالقىپ كەتتى» دەپ كۆرسەتتى. خىتاينىڭ «تەشۋىقات جەڭچىلىرى» ئادىتى بويىچە، غەربنىڭ دېموكراتىيىسى ھەممىلا يەردە ئېقىۋەرمەيدۇ، مەسىلەن، ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئاقمايدۇ، دېيىشەتتى. بۈگۈن ئۇلار ئۆزلىرى سۆزلىگەن سۆزلەرنىڭ بىر سەپسەتە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتى» دېدى. يەنى بۇ ئارقىلىق لى داتۇڭ ئەپەندى، ئىسلام ئەللىرىدە غەربچە ياسىمەنگۈل ئىنقىلابى پارتلىدىغۇ دېمەكچى بولدى.

بېيجىڭدا ياشاۋاتقان خىتاي سىياسىتى بويىچە مۇتەخەسسىس روسىل مۇسىس: «ئەگەر خىتايدا ھەممە نەرسە ئادەتتىكىدەك نورمال بولىدىغان بولسا، ئۇلار (جۇڭنەنخەي) مۇنداق يىغىن چاقىرمىغان بولاتتى» دەپ كۆرسەتتى.

خىتايدا، بۇ كىشىلەر قانداقلارچە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر بولۇپ قالدى. بۇ كىشىلەر جەمئىيەتكە پايدىلىق نېمە ئىشلارنى قىلغان ئىدى؟

بۈگۈن خىتاي پۇقرالىرى «بىزگە يېمەك- ئىچمەك كېرەك، بىزگە ئولتۇراق ئۆي كېرەك، بىزگە ئىش ئورنى كېرەك» دەپ كوچىغا چىققاندا ياكى كوچىغا چىقىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا، پارتىيە مەكتىپىدە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، نامايىش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتقان بۇ كىشىلەر زادى كىملەر، بۇ كىشىلەرنى رەھبەر بولۇشقا زادى قايسى پۇقرا سايلاپ بەرگەن؟

ئەقىلنىڭ كۈچىگە ئاساسلانغاندا، پەقەت جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقان پۇقرالار جەمئىيەتتە مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

يەنە جەمئىيەت ئۈچۈن سۆز سۆزلىشى كېرەك بولىدۇ. جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقان پۇقرالار خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە، ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغان جەمئىيەت ئاندىن ئۆزىگە خاس جەمئىيەت بولىدۇ. بىر ش بولا ‏- بولماي تۇرۇپ، ھەدەپ باستۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەيدىغان، يۇقىرىغا يامىشىپ چىقىۋالغان بۇ كىشىلەر، ئەقىلنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا ئەسلىدە خەلقنىڭ دۈشمەنلىرى ھېسابلىناتتى.

بۇ كىشىلەر يەنى سىياسىي بيۇرونىڭ 9 نەپەر ئەزاسى قايسى يول، قانداق رەسمىيەت، قانداق ئاساسىي قانۇنغا تايىنىپ خىتاينىڭ رەھبەرلىرىگە ئايلىنىپ قالدى ۋە ئۇلارنىڭ خەلققە قارشى نۇتۇق سۆزلىشىگە كىم ھوقۇق بەردى؟