«خىتاي ئىقتىسادى پات ئارىدا تورمۇزىغا دەسسەيدۇ»

4-ئاينىڭ 1-كۈنى مالىيە ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، ئاتاقلىق مەخسۇس ئىستون يازغۇچى خاۋۋورد گولد ئەپەندى ۋول كوچىسى گېزىتىدە «خىتاينىڭ ئىقتىسادى پات ئارىدا تورمۇزىغا دەسسەيدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى يېڭى ئىرا تور بېتىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق باشلىدى:
دۇنيا بويىچە ئەڭ زور يېنىك ۋە ئېغىر تىپلىق ماشىنىلارنىڭ سېتىلىش بازىرى ھېسابلانغان، ئېنېرگىيىنى كۆپ سەرپ قىلىدىغان، ئىشلەپچىقارغۇچى ئېكسپورت دۆلىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى كۆز ئالدىمىزدا ئىنتايىن ئېغىر چېكىنىش گىرۋىكىگە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.

4-ئاينىڭ 1-كۈنى مالىيە ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، ئاتاقلىق مەخسۇس ئىستون يازغۇچى خاۋۋورد گولد ئەپەندى ۋول كوچىسى گېزىتىدە «خىتاينىڭ ئىقتىسادى پات ئارىدا تورمۇزىغا دەسسەيدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ: خىتاي رەھبەرلىرى ۋە سودا سانائەت بانكىسى، ئۆتمۈشتە ئىشلەپچىقىرىپ، مەبلەغ كۆپۈكلەشكەن سىستېما ئىچىدە پۇل ئوبوروتىنى تارايتىشقا باشلىدى، بۇ ئەھۋال ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر ھالەتتە خىتاينىڭ پاي-چەك بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىشىنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي نورمىدىن يۇقىرى قەرز تارقىتىش ئارقىلىق خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە ھەددىدىن زىيادە قوللاش بىلەن خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ كەلدى. 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل، خىتاي بانكىلىرىنىڭ قەرز تارقىتىشنى كۆپەيتكەنلىكىگە باغلىق بولۇپ قالدى. ئاقىۋەتتە مائاش، پاي-چەكنىڭ قىممىتى، ئۆي-ئىمارەت باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ جەريان قانچە ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان بولسا، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىدىن پەيدا بولغان غەم-غۇسسىلەرمۇ شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ.

مۇقىم مەبلەغنىڭ ئومۇمى مىقدارى، 1980-يىلىدىكى 29%tin ئۆرلەپ، 2010-يىلىدىكى 42%ge يىتىپ، نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سودا سانائەت بانكىسىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا قەرز تارقىتىشىدىن ئىبارەت بۇ بىر ئىش، تۆۋەن ئۈنۈم ۋە چىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىس مىچېل پىتىس: خىتايدا كېلەر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىدىغان يامان سۈپەتلىك قەرز بېرىشتىن ئەنسىرەپ، دەل مۇشۇ، ھازىرغىچە كېمەيتىلمىگەن يامان سۈپەتلىك قەرز بېرىش ئارقىلىق قوللىغان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات دولقۇنى ئىككىنچى بېر كېڭىيىش دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭغا كىم جاۋابكار بولىدۇ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىسى ھۆددىگە ئالامدۇ؟ ياكى ئىشچى-دېھقانلار ھۆددىگە ئالامدۇ؟ قەرز تارقىتىشنىڭ كېڭىيىپ كېتىش دولقۇنىنى زادى كىم ھۆددىگە ئالىدۇ؟ دەپ سوئال قويدى.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خۇددى مىچېل پىتىس ئېيتقاندەك، خىتايدا ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئاخىرلاشتى، بەلكى خىتاي ئىقتىسادى زاۋالغا يۈزلەندى، دەپ كۆرسەتتى ئاپتور.

دېمەك، بۈگۈنكى كۈندە قەرز تارقىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت قىلىش خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈچ ھالقىسى دېيىلىدىغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يەنە باشقا ئامىللىرى ئەمگەك، ئۈسكۈنە، كاپىتال، زاۋۇت مەيدانى، خام ئەشيا، ھەرىكەت كۈچى، كارخانىچىلارنىڭ ئىقتىدارى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيىلىرى زاۋۇت تەرەپ ئىشلەپچىقىرىشقا سالىدىغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە مەلۇم بىر خىل ئامىلنىڭ يەنى تېخنىكا ئامىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە خىتاينىڭ بانكىلىرى يەنە قانچىلىك قەرز تارقىتىشى مۇمكىن. تېخنىكا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىمۇ ياكى چەتئەلدىن كىرىدىغان تېخنىكىمۇ دەپ سوئال قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق كۈچى مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى دېگەندە، ئۇنىڭ مائاش جەدۋىلىنىڭ كۆرسەتكۈچىمۇ يۇقىرىدا ئېيتقاندەك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ. يۇقىرىقى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈچ ھالقىسى نوقۇل بانكىنىڭ قەرز پۇل تارقىتىشىغا قاراپلا قالغان بولسا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بانكىدىن قەرز ئېلىشقىلا تايىنىپلا قالغان بولسا، يۇقىرىدا ئاپتور ئېيتقاندەك، خىتاي ئىقتىسادى زاۋالغا يۈزلەندى دېمەي، نېمە دېيىشىمىز كېرەك ئەمدى؟