خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئاۋارىچىلىككە يولۇقتىمۇ؟

خىتايدا ئىقتىسادى تەرەققىيات ئاخىرقى چەككە يىتىپ كەلدىمۇ، نېمە؟ ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تاللىيالايدىغان ئىقتىدارى قالمىدى.

0:00 / 0:00

دەسمايە بىلەن باھا بۇرمىلىنىپ ھەدىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھۆكۈمەت ھەل قىلىشقا ئىزدەنمەستىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويىدىغان بولدى. ھەر تەرەپكە قەرزگە بوغۇلۇپ قەرز جۇغلىنىشقا باشلىدى.

خىتاينىڭ ئىقتىسادى مەبلەغ سېلىشقىلا، ئېكسپورت قىلىشقىلا تايىنىپ تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىشنى قانۇن بىلەن باشقۇرغاندا پۇقرالارنىڭ ئامانەت پۇلى بانكىغا جۇغلىنىپ ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن پايدىلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەبلەغ سېلىش كېڭىيىپ كەتتى. بىراق 30يىل ئۆتۈپ كەتتى، «شىنجاڭ» غا تۆمۈر يول تارتقاندىن باشقا ئاساسى قۇرۇلۇشقا، مەكتەپ، دوختۇرخانا دېگەندەك قۇرۇلۇشقا ئاساسى جەھەتتىن مەبلەغ سېلىنمىدى.

ئەمدىلىكتە ئاساسى قۇرۇلۇشقا قالايمىقان مەبلەغ سېلىنىپ مەسىلەن، «شىنجاڭ»دا بىڭتۇەن پولكلىرى شەھەرلىشىشكە قاراپ يۈزلەنسە، خىتاينىڭ چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدە ئايرودروم ياساش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ مەملىكەت بويىچە 45 تىن ئېشىپ كەتتى. بۇ شەھەرلەر ئەگەر تىز سۈرئەتلىك پويىز يولىغا تۇتۇشۇپ كېتىدىغان بولسا، كېيىن ئايروپىلانغا ئولتۇرىدىغان ئادەم چىقماي قېلىشى مۇمكىن.

خىتايدا ھۆكۈمەت قەرزىنى ئۇياققا-بۇياققا ئىتتىرىشى مۇمكىن. لېكىن قەرز غايىب بولۇپ كەتمەيدۇ. مەيلى ئىچكى قەرز ياكى تاشقى قەرز بولسۇن، ھامىنى قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. خىتايدا ئامانەت قويىدىغان پۇلغا بېرىدىغان ئۆسۈمدىن، قەرز بېرىدىغان پۇلنىڭ ئۆسۈمى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن خۇسۇسىيلارنىڭ 10يىل ئىچىدە پۇل سەرپ قىلىشى 46% تىن 34% كە چۈشۈپ قالدى. سېلېشتۇرمىنىڭ شۇ دەرىجىدە تۆۋەن بولۇشى خىتايدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا پۇل-مۇئامىلە بويىچە يۇقىرىقىدەك مۇناسىۋەت داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا ئاخىرى چوڭ چاتاق چىقىشى مۇمكىن.

دۇنيا گېزىتى 9-ئاينىڭ 1‏-كۈنى «ۋىن جىياباۋ: جۇڭگودا ئىقتىسادى ئاۋارىچىلىك كۆپ» دېدى ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، 4خىل ئامىل يەنى 1‏-بەزى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقى، 2‏-يەر شارى مىقياسىدا پۇل پاخاللىشىش، 3‏-تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئىشسىزلىق. 4-ھۆكۈمەت قەرز پۇلى خەتىرىنىڭ داۋاملىق جۇغلىنىشى قاتارلىق ئامىللار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ۋىن جىياباۋنىڭ سۆزىگە باھا بەرگەن سابىق سودا مىنىستىرى ۋىن جيەنگو، بۇ گەپ، جۇڭگو ئەمدى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قەرز كرىزىسىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان نىجات يۇلتۇزى بولالمايدۇ، دەپ بېشارەت بەرگەنلىك دېدى دەپ كۆرسەتتى.