خىتاينىڭ جەمئىيەتنى تۈزەش پىلانىنىڭ ماھىيىتى نېمە؟

خىتاينىڭ جەمئىيەتنى تۈزەش پىلانى بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان. تەڭرىتاغ تور بىتى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلايلى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش قارار ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 20-يىللىقىنى خاتىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۈگۈن ئاپتونوم رايون بۇ قارارنى خاتىرىلىگەندە:
«20 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىككى قارارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى. ھەر تەرەپلىمىلىك تۈزەش
كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، تېررورلۇققا زەربە بېرىش بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش تۈزەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلىندى. بىر تۈركۈم زوراۋان تېررورچى تەشكىلات ۋە شايكىلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىلدى. چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ غەربلەشتۈرۈش، پارچىلاش رەزىل نىيىتى بىت-چىت قىلىندى» ۋەھاكازا دېدى.

تېررورچى دېسە خىتاينىڭ ئۆزىنى دېگۈلۈك، ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈردى. ئاپتونوم رايوندىكى ھازىرقى 3 خىل كۈچلەر كىم؟ 1-ئۇيغۇرىستانغا توختىماي كۆچۈپ كىرىۋاتقان كۆچمەن خىتايلار، 2-مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنى قۇرۇۋالغان خىتايلار،3-مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئەسكىرى قىسىملارنى قانۇنسىز تۇرغۇزغان خىتايلار. بۇ خىتايلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى تۇرۇشى خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن قارشى تۇرۇشتۇر.

مۇشۇ قىسقىغىنە 20 يىل ئىچىدە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرىستاندا نېمە ئىشلارنى قىلدى؟

1-پىلانلىق تۇغۇت بىلەن ئۇيغۇرنى يوقاتتى، 2-تېررورچى دېدى، ئۇيغۇرنى يوقاتتى، 3-ئۇچ خىل كۈچ دېدى، ئۇيغۇرنى يوقاتتى، 4-ئۇيغۇرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىش، قىزلارنى ھەتتا ئوغۇللارنى ھاقارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرنى يوقاتتى، 5-ئىقتىسادتا نامراتلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرنى يوقاتتى، 6 -ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى -مائارىپىنى يوقىتىشقا كىرىشتى،7-كېسەللەرنى داۋالاش خىراجىتى بەرمەي ئۇيغۇرنى يوقاتتى، 8-ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى ھەتتا، غۇلجا ناھىيىسىدە يېزىلارنى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان كەنتلەرنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەردى. خىتاينىڭ ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىياسىتى يۇقىرىقىدەك بولدى.

گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ھازىر مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا بارلىق نىقابلار يىرتىپ تاشلاندى. يالىڭاچ بولغان ھەقىقەت شۇكى، ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت: ئۇيغۇر دېدىكى، يا خىتاي سەن تۇرىسەن بۇ زېمىندا، يا مەن تۇرىمەن بۇ زېمىندا، خىتاي دېدىكى، يا ئۇيغۇر سەن ئۆلىسەن بۇ زېمىندا ياكى خىتاي مەن ئۆلىمەن بۇ زېمىندا دەيدىغان بارلىق زىددىيەتلەر يالىڭاچ ئاشكارىلانغان بىر دەۋرگە كىرىپ كەلدى.

تارىختىن تارتىپ بۈگۈنگىچە مۇستەملىكە ۋە مۇستەملىكىچىلىك رەھمىدىللىكنى، ئادەمگەرچىلىكنى، يول قويۇشنى، مۇستەملىكە ئەللەرنى بېيىتىشنى، مۇستەملىكە ئەللەر خەلقلىرىنى پاراۋانلىققا چىقىرىشنى كۆزلىگەن ئەمەس. ئۇنىڭ تامام ئەكسىچە مۇستەملىكە ئەللەر خەلقلىرىنى يوقىتىشنى، يوقالمىغانلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى، مۇستەملىكە ئەللەرنى تالان-تاراج قىلىشنى كۆزلىگەن ۋە سىياسەتنى شۇنداق تۈزگەن. ھەر قانچە ۋەھشىي بولۇپ كەتكەن مۇستەملىكىچىلەرمۇ پىلانلىق تۇغۇت دەيدىغان سىياسەتنى يولغا قويمىغان ئىدى. شۇ تارىختا مۇتەملىكىچىلىككە قارشى ئۇرۇشلار بولۇپ كەلگەن، مۇستەملىكە زوراۋانلىقى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەندە، مۇستەملىكە ئەللەر خەلقلىرى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مۇستەملىكىچىلەرنى ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقارغان.

بۇ ئۇرۇش تارىختا مۇستەملىكە ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. لېكىن سابىق رۇسىيىدە مۇستەملىكىچىلىك مەسىلىسى تىنچ يول بىلەن ھەل بولدى. سابىق سوۋېتلەردە 15 دۆلەت دۇنياغا كەلدى.

رۇسىيە دېگەن مەدەنىيەت كۆرگەن دۆلەت، سابىق پرېزىدېنت رېگاننىڭ تاشقى سىياسىتى ئۈنۈم بەرگەن ئىدى. ئەمما جۇڭگو مەدەنىيەتكە ئۆچ، مەدەنىيەتنى يوقىتىدىغان دۆلەتتۇر. شۇڭا قانداق قىلىشنى ئۇيغۇر خەلقى ئۆزى تاللاپ ئالىدۇ، خالاس!