خىتايدا سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەقدىرى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ

2011‏-يىلى 10‏-ئاينىڭ 9‏-كۈنى، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خىتايچە تور بىتى «دوكلات: خىتايدا سانائەتنىڭ دەسمايىسى ئۆرلىگەنلىكتىن، ئامېرىكا سانائەت سودىگەرلىرى خىتايدىن زور كۆلەمدە چېكىنمەكچى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، 15% ئامېرىكا شىركەتلىرى پات ئارىدا خىتايدىن چېكىنىپ چىقىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

تەبىئەتتە ئېچىلىپ مۇرادىغا يەتكەندە توزۇمايدىغان گۈل بولمايدۇ؛ ئۇپا- ئەڭلىك سۈرتۈپ سەھنىگە چىقىۋېلىپ سەھنىدىن چۈشمەيدىغان ئارتىس بولمايدۇ.

خىتايدا 10 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى «دېڭ شياۋپىڭنى يوقىتايلى» دەپ باشلىنىپ ئاخىرىدا دېڭ شياۋپىڭنى تەختكە چىقىرىپ ئاخىرلاشقاندەك، خىتاينىڭ 30 يىللىق ئىقتىسادى سىياسىتى ۋە جۇڭگولۇق ئىسلاھاتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادى ئىستىقبالىمۇ بىر يەرگە قاپسىلىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ.

خىتاينى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش، خىتايدا ھۆكۈمەتنى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى چەتئەلگە ئېكسپورت قىلىپ بېرىدىغان ھۆكۈمەتكە ئايلاندۇرۇشنى خىيال قىلغان غەرب شىركەتلىرىنىڭ چۈشىمۇ ئوخشاشلا بەربات بولامدۇ نېمە؟

خىتايدا كارخانىلار تاقىلىشقا باشلىدى، تاقالمىغانلىرى ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش جەريانىغا كىرىپ قالدى. پۇل پاخاللىقى، ئەمگەك كۈچى قىممىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، خام ئەشيا بازىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، ئىچكى ئېھتىياج-سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ ئۆرلىمىگەنلىكى، تاشقى ئىقتىساد شارائىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى، خىتايدا پۇل كۇرسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، بانكىلارنىڭ پۇل چىقىرىشنى قىسىۋېلىشى، ھۆكۈمەت تەرەپ تەلەپلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللار ھازىر جېجياڭ، ۋېنجۇ، شاڭخەي قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلەردە ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان جازانىخورلار ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىدىن جازانىغا قويغۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ جازانىغا پۇل قويۇپ، ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، جەمئىيەتتە داۋالغۇش ۋە تەۋرىنىش پەيدا قىلدى.

قارىغاندا، يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەرگىز سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلە دەپ قارىغىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالنى ئەلۋەتتە ئىقتىسادى قانۇنىيەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىش دەپ قاراش كېرەك. بۇنداق قانۇنىيەتلەر كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن، خام ئەشيا چەتئەلدىن كىرىشىمۇ مۇمكىن، دۆلەتنىڭ ئىچىدىن چىقىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن ئۇ تۈگىمەيدىغان ماددا ئەمەسقۇ؟ يەنە مەسىلەن، خام ئەشيا، ئىشلەپچىقىرىش، ئېھتىياج، تەمىنلەش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەرقانداق ھۆكۈمەت كونترول قىلالمايدۇ. پەقەت تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ۋاقىتلىق پىلانغا ئالالىشى مۇمكىن. پۇقرالارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىمۇ سىياسەت بەلگىلىيەلمەيدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى چەكلىيەلىگەندەك چەكلىيەلىشى مۇمكىن، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا ئەمگەك كۈچىمۇ كېرەكقۇ؟ شۇڭا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئېھتىياجىغىمۇ يول قويۇش كېرەكقۇ؟ شۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشى كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدىغان بىر ھادىسىدۇر.

ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى قانداق ئەھۋالدا قالىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرىچۇ؟