خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتابنامىسى

«جۇڭگوغا نەزەر» تور بىتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋۇ باڭگو: «جۇڭگو كۆپ پارتىيىلىك، نۆۋەتلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈمى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ دېدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلدى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.03.11
ۋۇ باڭگو، كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم بىلەن شۇغۇللانمايمىز، ئىدىيىۋى پىكىرلەرنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانمايمىز، ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىۋېتىش بىلەن شۇغۇللانمايمىز، پارلامېنت تۈزۈمىنى يولغا قويمايمىز، جۇڭگونى فېدىراتسىيەلەشتۈرمەيمىز، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى خۇسۇسىلاشتۇرمايمىز» دېدى.

خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈمى ماركسىزملىق سىياسىي تۈزۈممۇ ياكى خىتاينىڭ تۇرمۇش ئەنئەنىسىدىن كەلگەنمۇ؟ خىتاينىڭ سىياسىي ئەنئەنىسى فېئودال ھاكىمىيەتچىلىك، ئائىلىۋى ھاكىمىيەتچىلىك بولغاندىمۇ، بۇ خىل ئەنئەنە خىتايلارغا موڭغۇللارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئەنئەنىسىدىن، مانجۇلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئەنئەنىسىدىن قالغان ئەنئەنە ئىدى. خىتايدا دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ ماركسىزمغا تەئەللۇق ھېچقانداق ئالامەتلىرى يوق ئىدى.

ماركىس «كوممۇنىستلار خىتابنامىسى» دە، كوممۇنىستىك ئىنقىلاب-ئۆتمۈشتىن مىراس بولۇپ قالغان مۈلكى مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈل- كېسىل ئۈزۈش دېگەن سۆزدۇر، كوممۇنىستىك ئىنقىلابنىڭ ئۆز تەرەققىياتى داۋامىدا كونىدىن مىراس بولۇپ قالغان ئىدىيىلەر بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈشى ئەجەبلىنەرلىك بىر نەرسە ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنداقتا خىتاي كوممۇنىستلىرى فېئودال ھاكىمىيەتچىلىك، ئائىلىۋى ھاكىمىيەتچىلىك بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش ئەنئەنىسىدىن نېمە ئۈچۈن ۋاز كەچمەيدۇ؟ ئېغىزدا ماركسىزم ئەمەلىيەتتە دارۋىنىزم، كۆپ پارتىيىلىك سىياسىي تۈزۈمنى رەت قىلىش، ئىدىيىۋى پىكىرلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولۇشىنى رەت قىلىش- ئىجتىمائىي دارۋىنىزم بولماي يەنە نېمە؟ فېئودال ھاكىمىيەتچىلىك بولماي يەنە نېمە؟

ماركسىزم 19-ئەسىر ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ئادەمگەرچىلىك مەنبەلىك شەخسىيەتچىلىك؛ رومانتىك مىللەتچىلىك، 19-ئەسىرنىڭ ئىككى چوڭ سىياسىي خاھىشى ئىدى.

بىراق، بۇ ئىككى خىل سىياسىي ھەرىكەت ئىجتىمائىي، سىياسىي، مىللىي مەسىلىلەرنى زوراۋانلىق بىلەن ھەل قىلىشقا ئىشەنگەنلىكتىن، ئاقىۋەتتە ئىككى خىل سىياسىي ئېقىم تەرەققىي قىلىپ كوممۇنىزم ۋە فاشىزمغا راۋاجلاندى. فاشىزم گېرمانىيىدە ئوتتۇرىغا چىقتى، كوممۇنىزم رۇسىيىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ماركسىزم ياۋروپادىن ئاسىياغا -خىتايغا يۆتكەلگەندە، كوممۇنىزممۇ، فاشىزممۇ خىتاي تۇپرىقىدا يەرلەشتى ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتاي ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇڭا ۋۇ باڭگو ئادەملەردە ھازىرقى زامان ئىدىيىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا چەك قويۇپ، «ئىدىيىۋى پىكىرلەرنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانمايمىز» دېدى.

ھازىر دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى بەلگىلىگەن، ئەرەب ئەللىرىدىن باشلانغان مۇستەبىت تۈزۈمدىن دېموكراتىك تۈزۈمگە كۆچۈش، دېموكراتىك ئويغىنىش، دېموكراتىك ياسىمەن ھەرىكىتى ۋە دېموكراتىك چاقىرىق خىتايغا يىتىپ كەلگەندە، خىتاي كوممۇنىستلىرى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگونىڭ ئېغزى ئارقىلىق، ماركىس بىلەن ئىنگلىزنىڭ «كوممۇنىستلار خىتابنامىسى»غا قارشى،«خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلدى. ماركسىزم- لېنىنىزمنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي، ئەمەلىيەتتە ماركىسىزم-لېنىنىزمغا قارشى ھەرىكەت قىلىش، پەقەت خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان يۈزسىزلىك ۋە نومۇسسىزلىقنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

ۋۇ باڭگو يەنە: «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى قانۇن تۈزگەندە، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش لازىم. شۇنداق قىلغاندا كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ تەشەببۇسى (سىياسەتلىرى) قانۇن تەرتىپلىرى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلىنىپ، بىر گەۋدىلەشكەن جەمئىيەت ئەمەل قىلىدىغان ھەرىكەت قائىدىلىرى ۋە پرىنسىپلىرىغا ئايلىنىدۇ» دېدى.

ئۇنداق بولغاندا، خىتايدا قانۇن بىر پارتىيىنىڭ ئىرادىسى بولامدۇ، خەلقنىڭ ئىرادىسى بولمامدۇ، ئۇنداقتا، پارتىيە دېمەك-قانۇن، قانۇن دېمەك-پارتىيە بولامدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بۇنداق تۈزۈلگەن قانۇنغا خىتايدا ياشاۋاتقان ھەر قانداق پۇقرا قارشى تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق!

ماركىس 1843-يىلى 1-ئايدا «رېئال ئوبيېكتىپ مۇناسىۋەتلەرنى چىقىش قىلغاندىلا، ئاندىن ھەرخىل قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. قاراپ باقايلى، بۈگۈن ماركسىزمنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان خىتاي كوممۇنىستلىرى نېمە قىلىۋاتىدۇ؟

پارتىيە دېمەك قانۇن، قانۇن دېمەك پارتىيە دەۋاتىدۇ.

ۋۇ باڭگو ئەپەندى، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق بىلەن ئەمدى خەلقنى ئالدىغىلى بولمايدۇ. خۇدا ھېچقاچان ساڭا خىتاي كوممۇنىستلار ئىمپېرىيىسى يىمىرىلمەيدۇ، دەپ ۋەدە بەرگەن ئەمەس!
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.