ماقالىدە «ماركسىزم ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت جەريانىدا شەكىللەنگەن، توغرىلىقى ئىسپاتلانغان، يەنە ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان» ۋەھاكازا دېدى «شىنجاڭ گېزىتى.»
ئالدامچىلىق قىلىش ئۈچۈن يالغانچىلىق قىلىشقا توغرا كەلسە كېرەك. ئادەملەرنىڭ روھى ھالەتلىرىدىمۇ راستقا ئىشەنمەي يالغانغا ئىشىنىدىغان بىر خىل ئادەت بولىدۇ. مەسىلەن، بۆرە كەلدى، دېگەندەك. ماركىسىمۇ ئەينى چاغدا «مەن ئەپۇ قىلىدىغان كىشىلەر، ئوڭايلا ئىشىنىپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
ماركسىزمنىڭ توغرىلىقىنى ماركىسىنىڭ ئۆزىدىن باشقا يەنە كىم ئىسپاتلىغان، لى داجاۋمۇ ياكى ستالىنمۇ؟ خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە ماركسىزم شۇنداق داۋاملىق سۆزلىنىپ تۇرامدۇ-يوق. بىراق، «شىنجاڭ گېزىتى» داۋاملىق سۆزلەپ تۇرىدۇ. نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ، پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنى ئالداش ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىدۇ. خىتاي ئۆلكىلىرىدە ماركسىزم بىلەن بۇددىزمنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. ئەمما، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ماركسىزمنى داۋاملىق تەكرارلاش ئارقىلىق خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قارشى تۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.
خىتايدا ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، ئۈرۈمچىدە ھەتتا ھۆكۈمەت ئەربابلىرىمۇ سوتسىيالىزم پەقەت «شىنجاڭ» دىلا قالدى دېيىشەتتى.ئىچكىرىدە خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئېتىز-ئېرىقلارنى ئۆزگەرتىپ بېلىق باقىدىغان كۆلچەكلەرگە ئايلاندۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىپ، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى پىلانلىق ئىقتىساد ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا زورلايتتى. يەنى بىر مو يەرگە قوناق تېرىيسەن، بىر مو يەرگە كېۋەز تېرىيسەن دەپ زورلايتتى. دېمەك، ئىچكىرى خىتايدا كاپىتالىزم بىخلاندى، «شىنجاڭ» دا سوتسىيالىزم ۋە ماركسىزم ئىدى.
ماركسىزم ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە قانداق يېتەكچىلىك قىلىدۇ؟ بۇ ئىزم خىتاي كوممۇنىستلىرى ئەمەل قىلىدىغان ئىزم دېگەنلىكمۇ، خىتايلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن باشلاپ، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ماركسىزمغا ئەمەل قىلدىمۇ ياكى قۇيرۇقنى ئېسىپ قويۇپ ئۆپكە ساتتىمۇ؟
ئاپتور: «ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى، ئىقتىسادى بازىس بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى قائىدىلەر...» دەيدۇ. خىتاي كوممۇنىستلىرى ماركسىزملىق 8 جۈپ پەلسەپىۋى كاتېگورىيىنىڭ ئىچىدە، ھادىسە بىلەن ماھىيەت مۇناسىۋەتلىرىدە ماھىيەتنى تەكىتلىدى؛ شەكىل بىلەن مەزمۇن مۇناسىۋەتلىرىدە مەزمۇننى تەكىتلىدى؛ سەۋەب بىلەن نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىدە نەتىجىنى تەكىتلىدى؛ ئىمكانىيەت ۋە رېئاللىق مۇناسىۋەتلىرىدە رېئاللىقنى تەكىتلىدى ۋەھاكازا!
لېكىن، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى جۈپ كاتېگورىيىلەرنىڭ ئىچىدە، بازىس بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدە، ئۈستقۇرۇلمىنى تەكىتلىدى. ئىقتىسادى بازىسنى ئاددىي چۈشەندۈرسەك، جەمئىيەتنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسى ۋە ماددىي مۇناسىۋەتلىرى دېگەنلىكتۇر. ئۈستقۇرۇلمىنى ئاددىي چۈشەندۈرسەك، سىياسەت، قانۇن، دىن، پەلسەپە، ئەدەبىيات-سەنئەت دېگەنلىكتۇر. خىتاي بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت سىياسەتنىلا تەكىتلىدى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پەلسەپىۋى مۇناسىۋىتىدە، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى تەكىتلىدىكى، ھەرگىز ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەكىتلىمىدى.
ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەبىرىنى ئاددىي چۈشەندۈرسەك، ھاكىمىيەت، ھوقۇق، ئارمىيە، ساقچى، ئىزم، ماركسىزم، پارتىيە ۋە بۇلارنىڭ رولى دېگەنلىك بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى شۇنىلا تەكىتلىدى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ھەرگىز تەكىتلىمىدى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەبىرىنى ئاددىي چۈشەندۈرسەك، بۇ كۈچ ئاۋام خەلقتۇر ياكى بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىدۇر. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەكىتلىمەي، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى تەكىتلىگەنلىكى ماركسىزمغا خىيانەت قىلغانلىق ئەمەسمۇ، ماركسىزم بىلەن قارشىلاشقانلىق ئەمەسمۇ، ھەتتا ماركسىزملىق پەلسەپە كاتېگورىيىلىرىنىڭ ئىچىدىن «ئىنكارنى ئىنكار قىلىش» كاتېگورىيىسىنى چىقىرىۋەتكەنلىك، بۇ ماركسىزمغا نومۇسسىزلارچە خىيانەت قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئەمدى بۈگۈن يەنە كېلىپ نېمىشقا ماركسىزم توغرىسىدا سۆزلەپ قالدى «شىنجاڭ گېزىتى؟» قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ماركسىزمنى تىلغا ئالىسىلەر، ھەي ئەپەندىلەر. ئەسلىدە ماركس بۇ پەلسەپىۋى كاتېگورىيىلەرنىڭ قايسىسىنى مۇھىم ياكى قايسىسىنى ئەھمىيەتسىز دېمىگەن ئىدىغۇ.
ماركسىزم بىر پەنمۇ ھېسابلانمايدۇ، ماركسىزم بىر ئىزممۇ بولالمايدۇ، ماركسىزم پەقەت 19-ئەسىردە ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققان نەزەرىيىۋى پىكىرلەرنىڭ بىر پەللىسىدۇر. ماركس جەمئىيەتشۇناس ئادەم،ئۇ «كوممۇنىستلار خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغانۇ، لېكىن كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرالمىغان بىر ئادەم.
بۈگۈن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ماركسىزمنى ئىزم دەپ ئۇلۇغلىسا مەيلىتىغۇ بىراق، ماركسىزمنى كىشىلەرگە پوپوزا قىلىدىغان قورالغا ۋە كىشىلەرنى ئالدايدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋالغاندا، دېمەك، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ماركسىزمنى پۈچەكلەشتۈردى.
0:00 / 0:00