ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن نۆۋەتتە خىتايدا جەمئىيەتنىڭ بارلىق ھالەتلىرىنى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش دەۋرىگە ئېلىپ كىرەلىگەنلا بولسا، خىتايدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى دېيىشكە بولىدۇ. بىراق، بىر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى، ستاتىستىكا ئىدارىسىدىن چىقىۋاتقان سان-سىپىر بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. خىتايلار ئۆزلىرىنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىقتىساد دۆلىتى دەپ ئاتاپ يۈرگەن كۈنلەردە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يانچۇقىمۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك يانچۇق بولۇپ قالدىمۇ ياكى يەنىلا قۇرۇق يانچۇقمۇ؟ بۇنى دىققەتكە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىساد قۇرۇلمىسى «زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىش»، «زور دەرىجىدە خورىتىش»، «زور دەرىجىدە نەتىجىسىز قېلىش»، «ئېكولوگىيىنى زور دەرىجىدە بۇزۇش » بويىچە يەنى كونا سانائەت ئەندىزىسى بويىچە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.
21-ئەسىردە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئامىل -بىلىم ئىگىلىكى دەپ ئاتىلىدۇ.
بىلىم ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار كېرەك بولىدۇ. ئىختىساسلىقلارنى مائارىپ ھەل قىلىدۇ. خىتاينىڭ مائارىپ قۇرۇلمىسى زادى قانداق سۈپەتلىك قۇرۇلما؟ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپتە قويۇپ تۇرايلى، مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ چىققان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى زادى قانچىلىك؟ بىلىم ئىگىلىكىدە بىلىم يېڭىلىنىپ تۇرۇشى لازىم بولىدۇ. خىتايدا بىلىملىك زىيالىيلار ئىشقا ئورۇنلىشالمايدۇ، ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسى كونا شەكىللىك قۇرۇلما، چۈنكى بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئىچىدە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار كونا بىلىملىك ئىشچىلار ۋە كونا ئىختىساس ئىگىلىرىدۇر. كونىراپ كەتكەن بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشىدا مۇئەييەن پەرق بولىدۇ. چۈنكى ئىلىم-پەننىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى دەرھال ئىگىلەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپ، ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسىدە ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەن مۇھىت، مۇئەييەن شارائىت ئىچىدە تەڭشەپ كېتەلىگىنى يوق. شۇنداق ئىكەن، خىتاي دۆلىتى قانداق قىلىپ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىقتىساد دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالدى؟
زور دەرىجىدە جۇڭگوغا يۆتكەپ كېلىنگەن چەتئەل مەبلىغى تەكرار ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە يەنە پۇل تېپىشى كېرەك. تېخنىكا چەتئەللىكنىڭ، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپلىرى ھەم چەتئەللىكنىڭ، پەقەت قۇراشتۇرۇش ئىشچىلىرى خىتاي ئىشچىلاردۇر. خىتايدا، خىتاي ئىشچىلار مېنىڭچە تېخى بىلىملىك تېخنىكىلار قوشۇنىغا ئېرىشەلىگىنى يوق. شۇڭا خىتاي ئىشچىلارنى مەلىكلىك ئىشچىلار ۋە ئاق ياقىلىق ئىشچىلار دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئىشچىلارنىڭ 80 پىرسەنتتىن ئارتۇقىنى يەنىلا دېھقان ئىشچىلار دېسەك، مۇبالىغە بولۇپ كەتمەيدۇ.
شۇنداق ئىكەن، 21-ئەسىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە خىتاي نېمىگە تايىنىپ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىقتىساد دۆلىتى بولۇپ قالدى؟
خىتاي پەقەت ئېكسپىلاتاتسىيىگە تايىنىپ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىقتىساد دۆلىتى بولۇپ قالغان بولىدۇ. خىتايدا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەرزان بولۇشى، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ پۇل تېپىشىدا بىردىن-بىر ئامىل بولۇپلا قالماي، پايدىنى تەڭ ئۈلەشكۈچى خىتاي دەللاللىرىنىڭ پۇل تېپىشىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى.
مەسىلەن، خوتەندە ئەسلىدە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يوق ئىدى، ئۇلار يېقىندا گۇما ناھىيىسىدە 14-دېۋىزىيىنى قۇرۇپ چىقتى. قاراتاغىز يېزىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەر-زېمىنىنى تارتىپ ئېلىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىشلەپچىقارغان پاختا-چىلان مەھسۇلاتلىرىنى مەجبۇرىي باھادا سېتىۋېلىپلا قالماي يەنە، دېھقانلاردىن 500يۈەندىن 1000يۈەنگىچە يەر ھەققى ئېلىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلدى.
ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى مەركەز باشقۇرىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن شىلىۋېلىنغان پۇل جۇڭنەنخەينىڭ يانچۇقىغا كىرىدۇ. شۇڭا خىتاي ئىككىنچى دەرىجىلىك «باي» دۆلەتكە ئايلاندى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ يانچۇقى قۇرۇقدىلىپ قالدى.
ئوتتۇرا شەرقتە، مۇبادا پەلەستىندە بىر غېرىچ يەر ئۈچۈن بىر كىشى ئۆلسە، دۇنيا نەزىرىنى شۇ تەرەپكە ئاغدۇرىدۇ، ئەمما مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇرلار يەردىن، سۇدىن، ھايات ياشاش ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا نەزەر ئاغدۇرىدىغان دۇنيا يوق!