ھازىرقى خىتاي جەمئىيىتىدە قانۇننىڭ رولى بارمۇ؟

ھازىرقى خىتاي جەمئىيىتى قانۇن دېسەڭ قانۇن بار، گەرچە مۇكەممەل بولمىسىمۇ، لېكىن ئىجرا قىلمايدىغان، ئەخلاق دېسەڭ ئەخلاق ئېڭى سۇسلىشىپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

ئادەملەرنىڭ ھەددى-ھەرىكىتى ئالدامچىلىق، مەن سىنى ئالدايمەن، سەن مېنى ئالدايسەن دەيدىغان جاھاندارچىلىق، جان بېقىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئادىمىيلىكنى يوقاتقان بىر جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قالدى. بۇنداق جەمئىيەتتە ياخشىلار قانداق كۈن كۆچۈرىدۇ؟ كىشىلەر جەمئىيەت توغرىسىدا، ھاكىمىيەت، ھوقۇق توغرىسىدا، سىياسەت توغرىسىدا، جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سۆز-سۆزلەپ قويغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ يەنە بىر قاراڭغۇ بۇرجىكى-تۈرمىگە كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

خىتايدا ياشاۋاتقانلار ئادەمنى ئادەم ئالدايدىغان بىر دۇنيادا ياشايدۇ. ئولىمپىك مۇراسىمىدا ناخشا ئېتيقۇچىلارنى ياساپ چىقىپ ساختىپەزلىك قىلدى. سۈت پاراشوكىغا زەھەرلىك ماددىلارنى قوشۇپ ئالدامچىلىق قىلدى. ياپونىيىگە زەھەر سېلىنغان چۆ چۆرە چىقىرىپ ساختىپەزلىك قىلدى. ئالىي مەكتەپلەردە باشقىلارنىڭ يازغان ئەمگەكلىرىنى كۆچۈرۈۋېلىپ ساختىپەزلىك قىلدى. ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلۇشىدا ھېلە ئىشلىتىپ قۇرۇلۇش قىلىپ 10قەۋەتلىك بىنالار پۈتۈنسېرى ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

خىتايدا ئادەملەر قەيەردە بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، شۇ يەردە بىر-بىرىنى ئالدايدۇ. خىزمەتچىلەر باشلىقلىرىنى ئالدايدۇ، شچىلار خوجايىنلىرىنى ئالدايدۇ، ئىشچىلار ئەمگەككە ساختىپەزلىك قىلىدۇ. بىخەستەلىك قىلىدۇ. خوجايىنلار ئىشچىلىرىنى ئالدايدۇ. ئۆز-ئارا سۇيىقەست قىلىشىدۇ. مەن سىنى ئاغدۇرۇۋىتىمەن، سەن مېنى ئاغدۇرۇۋىتىسەن، قانۇننىڭ سىرتىدىكى رىقابەت ياكى قانۇننىڭ كاپالىتىگە ئېرىشەلمىگەن رىقابەت، چاتاق چىقسا دەۋا قىلىش، ئەدلىيە كادىرلىرىنىڭ ئالدامچىلىقى، پاراخورلۇقى، قانۇننىڭ نوپۇزىنى تۆكۈۋېتىش، قانۇننىڭ ئىناۋىتى، قۇدرىتىنى، قانۇننىڭ كۈچىنى بىر تىيىنگە ئالمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈرۇپ قويۇپ، ھەرخىل دېلولارنى مۇناسىۋەتكە تايىنىپ، پارىخورلۇققا تايىنىپ، رەھبەرلەرنىڭ ئىرادىسىگە تايىنىپ، قاش-قاپىقىغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىش، ئۇيغۇردەك مىللەتنىڭ دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا قانۇندا يوق، ئېتىبارىدا يوق، سىياسەتتە يوق، يوقلا قىلىۋېتىش-مانا بۇ ھازىرقى خىتاي جەمئىيىتىدە قانۇننىڭ كۈچىدىن، ئەخلاقنىڭ كۈچىدىن ئەسەر قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاكىتلاردۇر. جەمئىيەتلا بولىدىكەن، بۇ جەمئىيەتكە قانۇن كېرەك، ئەخلاق كېرەك بولىدۇ.

بىر جەمئىيەت ئاساسىي قانۇنلۇق جەمئىيەت بولۇشى كېرەك ئىكەن، تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن 18 ياشقا كىرگەن پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. مەسىلەن، ھازىر مىسىردا تۈزۈلۈۋاتقان ئاساسىي قانۇن مىسىر خەلقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ تۈزۈلۈۋاتىدۇ. خىتايدا ئەزەلدىن مۇنداق ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ خىتايدا پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ئېڭى سۇسلىشىپ كەتكەن، ئەخلاق ئېڭى دېگىنىمىز ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك بولۇش توغرىسىدىكى ئاڭ ياكى ئاقىلانىلىك بىلەن ياۋۇزلۇقنى پەرقلەندۈرۈش ئېڭى دېگەنلىك بولىدىغان بولسا، ئادەملەرنىڭ ئەخلاق ئېڭىنى يوقىتىش جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى قۇرۇلمىسىنى نېگىزلىك ئاساستىن ئايرىۋېتىش دېگەنلىكتۇر. قانۇن تۈزۈپ قانۇننى ئىجرا قىلماسلىق، تۈزگەن قانۇنغا ئۆزى ئەمەل قىلماسلىق، ئەمەلىيەتتە بۇ جەمئىيەت،ئەخلاق ئېڭى يوق كىشىلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جەمئىيەت دېگەنلىكتۇر.

خىتاي كوممۇنىستلىرى ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھۆكۈمرانلىق قىلىش پرىنسىپلىرىغا قانۇن ئېڭى، ئەخلاق ئېڭى سىڭدۈرۈلگەنمۇ-يوق! خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 28 ئۆلكىنىڭ ئىچىدە،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن باشقا قايسى ئۆلكىدە سىياسىي جىنايەتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان ئىش بار؟! ھەتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچىدە سىياسىي جىنايەت ئۈچۈن ئۇيغۇردىن باشقا قايسى مىللەتكە ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان ئىش بار؟ بۇ بىر دۆلەتنىڭ ئەخلاقى مەسىلىسىدۇر. مەسىلەن، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدا قىرغىن بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى ئاز كۆرگەندەك، نامايىشتىن كېيىن تاكى ھازىرغىچە 50تىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى، بۇلارغا خىتاينى ئۆلتۈردى، دەپ جىنايەت ئارتتى. شۇ نامايىشتا كالتەك، چوماق، قىڭراق-پىچاق كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرگەن خىتايلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇ خىتايلارنى قولغىمۇ ئالمىدى.

بۇ ئىش ئالدى بىلەن خىتاي بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ياراشتۇرغىلى، كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولسا، كەينىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا قارشى زوراۋانلىق قىلىشىنى، ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قارشى داۋاملىق ئىككىلەنمەي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

خىتاي يېقىندا بايرامدا ئادەم ئۆلتۈرۈش ئادىتى بويىچە نورۇز بايرىمى كۈنلىرىدە ئۇيغۇرنىڭ 7 نەپەر ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى. بۇ قىلمىش ئوخشاش جىنايەت ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقىنى، شۇنداق جىنايەت ئۆتكۈزگەن خىتايغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئەمما، خىتاي ھازىرغىچە قانۇن تۈزۈپ، سىياسەت تۈزۈپ ئىجرا قىلماي ئەكسىچە، پۈتۈن دۇنيانى، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ۋە ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنىمۇ ئالدايدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە تەشۋىقاتى ئارقىلىق كۆرسىتىپ كەلدى.