جۇڭگودا تورغا چىققۇچىلار قاتىلغا ھېسداشلىق قىلدى. ياڭ جىيا پالۋاندىن يەنە بىرسى چىقتى دېيىشتى. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودا ھەق بولسۇن، ناھەق بولسۇن كەيپىياتنى جارى قىلىش ھەرىكەتلىرى، ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان ياكى ھۆكۈمەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھەرىكەتلەر بولۇپ قالدى. پۇقرالار خاتا قىلىۋاتقىنى يوق. پۇقرالار ، ئىجتىمائىيلاشقان مەنپەئەت تەلەپلىرىنى ئىپادىلەش يوللىرى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن بىۋاستە مەنپەئەت توقۇنۇشى ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۈگۈن پىچاقچى خىتاي تېررورچىلارنىڭ ، "ئەكسىيەتچى كۈچلەر"نىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ، ئەرز - شىكايەت قىلغۇچىلارنىڭ قىسقىسى تۆت تەرەپلىك كرىزىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالدى. غەزەپلەنگەن جۇڭگو پۇقرالىرى جۇڭنەنخەيگە سىگنال بەردى.
"چىڭخۇا تەرەققىيات مۇنبىرى" يېقىنقى يىللاردىن بېرى جۇڭگو جەمئىيىتى "مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ غەيرى چەمبىرىكى ئىچىگە كىرىپ قالدى . ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر زور كۆلەمدە ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى سەرپ قىلىپ مۇقىملىقنى قوغدىغان بولسىمۇ، بىراق ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ۋە ئىجتىمائىي توقۇنۇشنىڭ مىقدارى ئازايماستىن ئەكسىچە كۆپىيىشكە باشلاپ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مۇقىملىقنى قوغدىغانسېرى جەمئىيەت شۇنچە مۇقىمسىز جەريانغا كىرىپ قالدى" دەپ كۆرسەتتى. بۇ خىل ھالەتنى "جۇڭگو ياشلار گېزىتى" 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى "يامان سۈپەتلىك دەۋر قىلىش" دەپ ئاتىدى. بۈگۈنگىچە خۇ جىنتاۋ "قايغۇرۇش ئېڭى" نى قايتا - قايتا تەكىتلەيدىغان بولۇپ قالدى.
چۈنكى يۇقىرىقى ئەھۋاللار ، جۇڭگودا ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋەزىيىتىدە ۋەھىمە، قورقۇش، ئالاقزادىلىك ئىچىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسەتتى.
مۇشۇنداق پەيتتە، 2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى "بوشۈن مۇنبىرى"دە ئېلان قىلىنغان "جۇڭگو بىلەن رۇسىيە كورىيىدە بىر مەيدان ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلاندى، شەرقى ئاسىيادا ئۇرۇش پارتلاش ئالدىدا" ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاخىرقى ئابزاسىدا: "نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى شەرقى ئاسىياغا سىڭىپ كىرىپ ، شەرقىي شىمالى ئاسىيانىڭ بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ھالقىلىق پەيتتە تۇرغاندا، شەرقى ئاسىيادا بىر مەيدان ئۇرۇش باشلانغان ھامان، جۇڭگونىڭ بۇ پىلانىنى چوقۇم قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، جۇڭگو باشقا بىر تەرەپتىن 'شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى' ئارقىلىق ئافغانىستاننى ۋە بۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنى قورشاۋغا ئېلىپ سىگنال بېرىپ، ئامېرىكىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ئارقىلىق شەرقى ئاسىيا ئۇرۇشىنى توسۇپ قېلىش كېرەك؛ بەلكى ئامېرىكىغا: شەرقى ئاسىيادا ئۇرۇش پارتلايدىغان بولسا، ئارقىدىنلا زور كۆلەملىك ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدا ھەتتا ئامېرىكا قىتئەسىدە ئۇرۇش پارتلايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.
قارىغاندا، ئاپتور جيەن كى ياكى ئېلىشىپ قالدى، ياكى ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو جەمئىيىتىگە سىگنال بەرمەكچى بولدى ۋەياكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى زىددىيەتلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كورىيە يېرىم ئارىلىدا ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك قىلماقچى بولدى.