خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە نېمە بولدى؟

نۆۋەتتە جۇڭگو-رۇسىيە نېفىت تۇرۇبىلىرى ئارقىلىق نېفىت ئاققۇزۇش ۋە خام نېفىت سېتىۋېلىش مەسىلىلىرىدە ئىختىلاپ ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.05.31

«ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى جەريانىدا مۇنداق ئىختىلاپلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نورمال ئەھۋال» دېدى، باياناتچى جاڭ يۈ.

بۇ ئىختىلاپلارنى مۇبالىغە قىلىپراق ۋە بىر ئاز ئاشۇرۇپراق چۈشەندۈرسەك بولمامدىغاندۇ؟ يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا مۇناسىۋىتى ئەمدىلا باشلانغان ئىدى. خىتايلارنىڭ گېپىچە رۇسىيە خىتاينىڭ نېفىت بازىرىغا قىزىققانمىش.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ نېفىت سودا مۇناسىۋەتلىرى باشلانماي تۇرۇپلا ئىختىلاپلار ئوتتۇرىغا چىقتى. خىتايغا قاراتقان سودا تىجارىتىگە مۇناسىپ ھالدا، رۇسىيە ئالاھىدە ئىستراتېگىيىلىك مەقسەتلەرنى كۆزدە تۇتقانمۇ قانداق؟ رۇسىيە تەرەپ خىتاي خام نېفىتنىڭ پۇلىنى تۆلىمىدى، دەيدۇ. خىتاي تەرەپ بولسا، ئىككى دۆلەتنىڭ خام نېفىت سودىسىدا تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، دەيدۇ. زادى قايسى راست؟ مۇئاۋىن ۋەزىر ۋاڭ جى شەن موسكۋاغا بېرىپ مەسىلە ھەل قىلماقچى بولغاندا، نۆۋەتچى ئايروپىلان تۇيۇقسىز بىكار قىلىندى. قارىغاندا چاتاق ئۇنداق ئوڭاي يەردىن باشلانمىغان بولسا كېرەك.

رۇسىيە شەرقى سىبىرىيىنىڭ تەبىئىي گازىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەپ كەلمەكتە. ئانالىزچىلار، ئەگەر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ نېفىت-ئېنېرگىيە سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئۆز ئارا ئىشىنىش كەيپىياتى يارىتىلمىسا، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۇزاق زامان ھەمكارلىقىغا تەسىر يېتىدۇ دېيىشتى. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئېنېرگىيە-نېفىت سودىسى سالماق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.

بۈگۈن نېفىت سودىسىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەن ئىكەن، ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى قانداق مۆلچەرلەش مۇمكىن؟
خەلقئارا ۋەزىيەتكە قارىساق،خىتاي دۆلەت باشلىقى 8 دۆلەت يىغىنىغا چاقىرىلمىدى ياكى مەتبۇئاتلار ياكى خىتاي تىللىق تور بەتلىرى بۇ توغرىدا بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمىدى. قارىغاندا خىتاي 8 دۆلەت يىغىنىغا چاقىرىلمىدىلا ئەمەس،ھەتتا خىتاي چوڭ دۆلەت ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىقتىساد دۆلىتى دەپمۇ ئېتىراپ قىلىنمىدى.

2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى «تەڭرىتاغ» تور بېتى مۇنداق خەۋەر قىلدى: بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ رۇسىيە يېڭى ياتقۇزۇلغان تۇرۇبا ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئاققۇزدى...بىراق خام نېفىتنىڭ باھاسى مەسىلىسى بويىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلدى.

مەزكۇر رادىئونىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «سىياسىي ئۇچۇر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە؛ «8چوڭ سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېف، بۇ ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى قۇرۇشنىڭ ئورتاق چارىسىنى تېپىش ھەققىدە ئايرىم پىكىرلەشتى.» دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا نېفىت سودىسىدا ماجىرا تۇغۇلدى. تۆۋەندە خىتاي ھۆكۈمەت باشلىقى 8 سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا قاتنىشالمىدى، ئۆزىنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىقتىساد دۆلىتى دەپ ئاتىۋالغان جۇڭگو ئەمدى نەدە قالدى؟

ئامېرىكا، خىتاي ھەربىي ئىشلار سۆھبىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، «دۇنيا خەۋەرلىرى تور گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى پۇرۇڭجى بۈگۈن مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، جۇڭخۇا مىنگوچىلارنىڭ «بىر جۇڭگودا ئىككى دۆلەت»، نەزەرىيىسىنىمۇ، ئامېرىكىنىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى» نىمۇ يېڭىلاشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىككى تەرەپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى «ئىككى جۇڭگو» دەپ كۆرسەتتى. مۇنداق بولغاندا خىتاينىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى»،«تەيۋەن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەيدىغان سەپسەتىلىرى بىراقلا سۇغا چىلاشقان بولمامدۇ؟

مېنىڭچە خىتايچە سەپسەتىلەر سۇغا چىلاشتىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاينىڭ شتاب باشلىقى چىن بىن دېنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىمۇ، خىتاينىڭ 8 چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدىكى ئورنىمۇ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى سىياسىتىمۇ، بەلكى مۇمكىنلىك دائىرىسىدە خىتاي، رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىمۇ ھەممىسى دېگۈدەك سۇغا چىلاشتى.
ھازىردىن قارىغاندا، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىدە ۋە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا بېرىپ كېلىشلىرىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ لېكىن ئاز-تولا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. قارىغاندا خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ۋە غەرب دۇنياسىدىن كۈتكەن ئۈمىدىمۇ سۇغا چىلاشقاندەك كۆرۈنىدۇ.

5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاق ساراينىڭ گۈللۈك باغچىسىدا ئادمىرال موللېن بىلەن خىتاينىڭ شتاب باشلىقى چىن بىندې مۇخبىرلارغا نۇتۇق سۆزلىگەندە، چىن بىندې «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتا قوش ئۆلچەم بولماسلىقى كېرەك» دېگەن ئىدى، ئەمدى چىن بىندېنىڭ ئۆلچەملىرىمۇ سۇغا چىلاشقاندەك تۇرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.