خىتاي مەتبۇئاتلىرى تۆھمەت چاپلاش بىلەنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ

خىتاي كوممۇنىستلىرىغا مايىل دۇۋى تور بېتىدە 8‏-ئاينىڭ 8-كۈن «شىنجاڭ، خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن تېررورچىلار ھۇجۇمىنىڭ جىنايەتلىرىنى غەرب دۇنياسىغا ئارتماقچى بولدى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» دە 8‏-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىدىن نەقىللەر كەلتۈردى.

0:00 / 0:00

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە: غەربنىڭ دۈشمەن كۈچلىرى بىزنى ھالاك قىلىش نىيىتىدىن يانمىدى، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇش نىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇلار بىلەن بولغان كۈرەش مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى بىر مەيدان ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى قوغدايدىغان ھايات-ماماتلىق كۈرەشتۇر، دەپ كۆرسەتتى. ئەمەلىيەتتە پىكىرنى مۈجمەل ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە ھەم دىنىي مەسىلە، ھەم مىللىي مەسىلە، ھەم يەر-زېمىن مەسىلىسى ھەم قورۇلغان دۆلەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك مۇئەممالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي مەسىلىدۇر. خىتاي پوبلېستىكا يازغۇچىلار ھەرگىز رېئال ۋە پاكىتلىق مەسىلىلەرگە كۆزىنى يۇمۇۋالماسلىقى لازىم.

«شىنجاڭ گېزىتى» غەربلىك دۈشمەن كۈچلەر دېگەندىن كۆرە،غەربلىك دوست كۈچلەر دېگەن بولسا تۈزۈكرەك بولاتتى. 20‏-ئەسىرنىڭ 60‏-يىللىرىدا رۇس-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىپ خىتاي خەلقئارادا يېتىم قالغاندا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى ۋە ئاسىيادا ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، خىتاينى خەلقئارا يېتىملىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتى سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىسادى جەھەتتە لىڭشىپ قالغاندا، ئامېرىكا سودىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق يەنە خىتاينىڭ ئېكسپورت قىلغان ماللىرىدىن تۆۋەن ھېسابات بىرلىكىدە باج ئېلىپ، خىتايغا ئىقتىسادى جەھەتتە مەدەت بېرىپ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئىسلاھات ساھەسىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ھېسابسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرى ھەم نازۇك، ھەم مۇرەككەپ بىر دەۋرگە قەدەم قويدى. ئۇيغۇر بىلەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئوتتۇرىسىدا مىللىي زىددىيەت كەسكىن رەۋىشتە گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئىسلاھاتى جەمئىيەتنىڭ بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. خىلمۇ-خىل مەنپەئەت گۇرۇھلىرى قايتىدىن تەشكىللىنىشكە باشلىدى. خىتاي بىر خىل مەنپەئەت گۇرۇھى ھېسابلانسا، ئويغانغان ئۇيغۇر مىللىتى كوللېكتىپ مىللىي مەنپەئەتنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىشكە ۋە چۈشىنىشكە باشلىدى. ھوقۇق خىتاينىڭ قولىدا ئىدى. ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ساھەلەردا ئوتتۇرىغا قويغان مەنپەئەت تەلەپلىرى ھوقۇقلۇق خىتاينىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچراپلا قالماي، ئوخشاشلا خىتاينىڭ قوراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى.

ئەمدى قارايمىزكى، خىتاي تەشكىللىگەن مۇستەملىكە جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەت تەلەپلىرى كاپالەتكە ئىگە بولۇش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇيغۇرنىڭ ھاياتلىق، ھايات ياشاش تەلەپلىرىمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. قەشقەر، خوتەن شەھەرلىرى چېقىلدى. ناھىيىلەردە قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرى چېقىپ تاشلاندى. بۇ ماددىي مۈلۈكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەت تەلەپلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

مەن ئويلايمەن، دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا ئىنساننىڭ ھاياتلىقى تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە قولىنى قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرىدىغان ئىنسان بولامدۇ؟! قۇربان بولغان ئۇيغۇر كىشىلەرنىڭ جاۋابكارى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىدۇر. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق، ياشاش ھوقۇقلىرى تەھدىتكە ئۇچرىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق سىياسىي تەلەپلىرى ئىنكار قىلىندى. دېمەك خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ، تەرەققىي قىلىپ، زادى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە كۆتۈرۈلدى.

ئۇيغۇرلار ئەقىل بىلەن ئويغاندى. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى نامايىش قىلىپ سىياسىي ھوقۇق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، يەنە گۇناھنى غەرب دۇنياسىغا ئىتتىرىپ قويىدىغان بولسا، بۇنداق قىلىق ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئادەمگەرچىلىك، ئىنسانپەرۋەرلىكتىن تەشكىللەنگەن ئەخلاق قۇرۇلمىسىغا قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ قالىدۇ. «شىنجاڭ گېزىتى» پەقەت تۆھمەت چاپلاش بىلەنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.