2012-يىلى خىتاي ئۈچۈن خەتەرلىك يىلمۇ؟

خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمى ۋەزىيەت كونتروللۇقىنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىشى 12-18 ئايدىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

ھېلىلا خىتاينى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئورتاق رەئىسى چارلىز بوستانى مۇنداق كۆرسەتتى:
خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئىقتىسادى، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئەندىشە، ساراسىمىگە چۈشۈپ قېلىپ 2012-يىلى خىتايدا رەھبەرلەر ئالمىشىشىنىڭ ھارپىسىدا ۋەزىيەت كونتروللۇقى قولىمىزدىن چىقىپ كېتىدۇ، دەپ ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئەمەلىي تەكشۈرۈشتىن كېيىن، بوستانى بايقىدىكى، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى 12-18 ئايدىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن.

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ ئاڭلاتقان خەۋىرىگە ئاساسلىنىپ دۇۋى تور بىتى مۇنداق كۆرسەتتى: چارلىز بوستانى ۋاشىنگتوندا «بىلىم خەزىنىسى-ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» ئۇيۇشتۇرغان «ئامېرىكا، خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر» تەتقىقات يىغىنىدا چارلىز ئەپەندى خىتاينى زىيارەت قىلىش تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چارلىز ئەپەندىنىڭ خىتاينىڭ پارتىيە، ئارمىيە رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئېرىشكەن تەسىراتى شۇ بولدىكى، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى تۆۋەنلەپ كەتكەن. خىتاي رەھبەرلىرى نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ئالدىدا ئەندىشە، ساراسىمە، ۋەھىمە ئىچىدە قالغان.

ئۇلار ئاۋۋال كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان مەسىلە، ئىقتىسادنىڭ 10% ئۆرلىشى ئەمەس، بەلكى 8 ھەتتا 7% گە چۈشۈپ قېلىشىدۇر. بۇ ئەھۋال خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئەھۋال بولۇپ، خىتاي رەھبەرلىرى نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى.

ئۇنىڭدىن باشقا شىمالى ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە پارتلىغان مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى ئاغدۇرۇۋېتىش ھەرىكىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ جەرياندا ئوينىغان رولى، خىتاي رەھبەرلىرىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالدى. زامانىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سۈرئىتىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكى، توسۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقى، بۇ يۈزلىنىش داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، خىتاي رەھبەرلىرى 2012-يىلى ۋەزىيەت كونتروللۇقىنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىدىغان خەۋپىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى.

چارلىز ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى: بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي رەھبەرلىرى ئېكسپورت خاراكتېرلىك ئىقتىسادى تەرەققىيات دەۋرىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. خىتاي رەھبەرلىرى دۇچ كەلگەن ئىنتايىن ئېغىر رېئاللىق شۇكى، ئېكسپورت خاراكتېرلىك ئىقتىسادنىڭ يۈزلىنىشنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىچكى ئېھتىياج خاراكتېرلىك يۈزلىنىشنى يولغا سېلىش، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ مۇۋازىنەت ئىچىدە تەرەققىي قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت رېئاللىققا دۇچ كەلدى.

مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا دېھقانلار تاۋۇز ساتقان پۇل بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى پەيدا قىلالىشى ۋە سېتىۋېلىش كۈچىنى يىتىشتۈرەلىشى مۇمكىنمىدۇ، خىتاي دېھقانلىرىمۇ باشقىچە ئەمەس. يېقىندا فۇجيەنلىك 6 نەپەر دېھقان بېيجىڭدا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈۋالماقچى بولدى. مۇبادا دېھقانلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بولمىسا خىتاي رەھبەرلىرى ئىچكى بازار ئېھتىياجىنى قانداق پەيدا قىلالايدۇ؟

18-قۇرۇلتاي مەسىلىسىگە كەلسەك، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوبرازى بولۇپ قالدى. تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە ھەر قانداق كىشىنىڭ سايلىنىشى ۋە ئەمەلدار بولۇشى، نۆۋەتتە خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن بەرىبىر. بۇ قېتىم سىياسىي بيۇروغا كىرىش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەر ۋاڭ ياڭ، بۆ شىلەي، شى جىنپىڭ، لى كېچاڭ قاتارلىق كىشىلەرمىش. بۆ شىلەي سۇيىقەستچى، ۋاڭ ياڭ لۈكچەك، شى جىنپىڭ سىياسىي قويمىچى، لى كېچاڭ ياخشىچاق بولىدىغان كىشىلەردۇر. بۇلارنىڭ كىم بولۇشى خىتايلار ئۈچۈن بەرىبىر ھېسابلانسا، ئۇ چاغدا 2012-يىلى خىتايلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن خەتەرلىك يىل بولۇپ قالىدۇ.