خىتاي ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ؟

خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە تىزىملاتقان، ھەربىي شلار توغرىسىدا ماقالىلەر ئېلان قىلىدىغان، خىتايدىكى بەش چوڭ تور بېتىنىڭ بىرى ھېسابلانغان، "مېر مۇنبىرى" دە ئېلان قىلىنغان "خىتاي ئىستراتېگىيىدە ئېغىز خاتالاشتى، ئۆزگەرتمىسە بولمايدۇ" ماۋزۇلۇق ماقالە 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنى خىتايغا مايىل تور بىتى ۋەنۋىي تور بېتىگە چاپلاندى.

0:00 / 0:00

ما قالە مۇنداق باشلاندى:" نۆۋەتتە، دۇنيا ھەرگىز تىنچ بولمىدى...ئامېرىكا، ئاسىياغا قايتىپ كېلىشكە بەل باغلىغاندىن كېيىن، پۈتكۈل ئاسىيا ئەسلا تىنچ بولۇپ باقمىدى... بىراق، خىتاي ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقتىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇق...ئامېرىكىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ كېلىشىگە دۇچ كەلگەندە خىتاي، سول تەرەپتە مۇداپىئە قىلىپ، ئوڭ تەرەپكە قاراپ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى... چۈنكى، خىتاي نۆۋەتتە ئىچكى ئاپەت، تاشقى بالاغا دۇچ كەلدى، دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز."

"...ياپونىيىنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى بۇ دۆلەتنىڭ خىتايغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىنى بەلگىلىگەن...خىتاي سىستېمىلىق ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت بەلگىلىمەيدىغان بولسا، خىتاي ياپونىيىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىغا چۈشۈپ قالىدۇ" دېيىلدى ماقالىدە.

"...يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمىز، بىراق، ئاۋىئاماتكىنىڭ سېرىق دېڭىزغا يىتىپ كېلىشى تەھدىتلا ئەمەس، بۇ بەلكى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقتۇر. جەنۇبىي دېڭىزنى ئىگىلىگەندىلا، ياپونىيىنىڭ ھايات-ماماتلىق تەقدىرىنى ئىگىلىگەن بولىمىز، ئامېرىكىنىڭ قان تومۇرىنى بوغۇۋالغان بولىمىز " دېيىلدى ماقالىدە.

"دۆلەت ئىچىگە قاراتقان سىياسىتىمىز...خىتاي ئەسكىرى قىسىملىرىنى خىللاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشى كېرەك...ئوخشاشلا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆزگەرتىپ، 5-خىل ئارمىيە خىللىرى- ئۇچۇر- ئالاقە قىسىملىرىنى تەشكىللەش...خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئېغىرلىق نۇقتىسىنى شىنجاڭغا يۆتكىشى، تىبەت ۋە شەرقىي شىمالغا يۆتكىشى كېرەك...شىنجاڭ ۋە تىبەتتە مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە تېررورچىلار غالجىرلاشتى، مىللىي بۆلگۈنچىلەر دۆلەتنىڭ دۈشمىنى. قايسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىنى يوقىتىشىمىز، ھەربىي كۈچنى ئىشقا سېلىپ يوقىتىشىمىز كېرەك" دېيىلدى ماقالىدە.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى:"ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر كۈنسايىن كەسكىنلەشتى( ئۇنداق ئەمەستۇ ئامېرىكا- ياپونىيە تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشقاندۇ)، ئامېرىكا، ياۋروپا بىر-بىرىدىن يىراقلىشىۋاتىدۇ.( تېخى تۈنۈگۈنلا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بىرلىشىپ كەتتى دېگەنتىڭلارغۇ، خىتاي يازغۇچىلار قورقۇپ كېتىپ جۆيلۈش كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانمۇ نېمە؟)

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە : "خىتاي، ئامېرىكىغا يۈزلەنگەندە، بەزى يول قويۇشلاردىن خالى بولالمايدۇ. (ھە، مانا بۇ گەپ توغرا گەپ بولمامدۇ). بىراق، يول قويۇش دۆلەت بوسۇغىسىغا كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ زورلۇق- زومبۇلۇق قىلىشىغا يول قويۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ!

يول قويۇش ئامېرىكىنىڭ ھە دېگەندە، خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىپ ئۇنى- بۇنى دېيىشىگە يول قويۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ!

يول قويۇش ئامېرىكىنىڭ خىتاينى پارچىلايدىغان مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى قوللىشىغىمۇ يول قويۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ! دېيىلدى.

بۇ ماقالىنىڭ كېلىش مەنىيگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ماقالە ئالاقىدار تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. كونا يىلنىڭ ئاخىرقى 15 كۈنىدە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا قانداق سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىغا ئۇچۇرلار ئارقىلىق شاھىت بولدۇق.

يېقىندا قەشقەر- خوتەن تۆمۈر يولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. ئۈرۈمچى-غۇلجا تۆمۈر يولىدا ئاللىقاچان قاتناش باشلانغانىدى. تېخى يېقىنغىچە
ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە، ئۈرۈمچىدىن غۇلجا شەھىرىگىچە كاتاڭ-كاتاڭ تاش يوللارغا ھېچكىم كۈرەك سېلىپ باقمىغان، تولۇق سېلىپ باقمىغانىدى. كىرىمىل مپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى قىسقىغىنە 20يىل ئىچىدە، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننى تۆمۈر يوللاشتۇرۇپ بولدى. بۇ تۆمۈر يوللار ئۈچ خىل رول ئوينىدى. ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى خىتايغا توشۇپ كېتىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇرىستانغا يۆتكەپ كېلىش، ئىچكىرى خىتايدىن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ھەربىي، ساقچى قوشۇنلىرىنى توشۇپ كېلىش، بۇ دېگەنلىك ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ 2009-يىلى "5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى"نى يولغا قويۇش، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ئەسكەر يۆتكەشنى مانېۋىر قىلغانلىقتىن دېرەك بېرەمدۇ؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرىستاندا يېزىلاردىن كەنتلەرگىچە يوللارنى ئاسفالىتلاشتۇرۇپ، ساقچى قىسىملىرى، ھەربىي قىسىملار ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ كىرەلەيدىغان دەرىجىگە يەتكۈزدى. شۇڭا ماقالىنىڭ ئاپتورى" مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ يوقىتىشىمىز كېرەك "دېيەلىدىمۇ؟

خىتاي ئۇرۇشقا، بولۇپمۇ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ، كىم بىلەن ئۇرۇشىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كېرەكمۇ؟ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئەھۋال شۇ دەرىجىگە يەتكەن بولسا، ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي مۇساپىرلىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرىستاندا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە!