خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى 1957 - 1958 - يىللىرى خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش، مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستاندا يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش سىياسى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ قالدۇق رەھبەرلىرىنى، ئىنقىلابقا قاتناشقۇچىلارنى، مەسىلەن، رەھمەتلىك زىيا سەمەدىدەك ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنى كۆرەش قىلىپ، ئارقىدىن كېسىم قىلىپ، تازىلاش ئېلىپ بېرىپ پوپوزا بىلەن ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇپ، ئارقىدىنلا خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۈركۈملەپ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا كۆچۈرۈشكە باشلىدى.
1962 - 1963 - يىللىرى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ چارۋاماللىرىنى - ئىككى ياشلىق غۇنۇجۇن، دۆنەنلىرىنى، تايچاق، بوتىلاقلىرىنى، قوي - قوزىلىرىنى پويىز، ئايروپىلان بىلەن ئىچكىرى خىتايغا توشۇشقا باشلىدى. كېيىنكى چاغلاردا ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان، چىگىت، كۆممە قوناق قاتارلىق يەرلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە كورلىنىڭ نەشپۈتى، قۇمۇلنىڭ قوغۇنى "تيەنجىندە ئىشلەندى" دەپ ماركا چاپلىنىپ چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىندى.
نۆۋەتتە، خىتاينىڭ سىياسىتى 180 گىرادوس ئۆزگىرىپ ھەر قانداق تاشقى ۋە ئىچكى ئېتىرازلارغا قولاق سالماي، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقىنى توشۇپ كېتىش، ئۇيغۇرلارنى قارىتىپ قويۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىش، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ،ئۆلتۈرۈپ بۇلاڭچىلىق قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى، مەسىلەن، 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ بولۇپ. "شىنجاڭدا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش "دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئەمدىلىكتە، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاشقا باشلىدى.
خىتاي ئىمزا قويغان ئىككى پارچە قانۇن خىتاينىڭ يانچۇقىدا تۇرۇپتۇ. "ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسى"، " پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى" نىڭ 1 - بۆلۈم 2 - ماددىسىدا: "بارلىق خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مەقسەتلىرى ئۈچۈن تەبىئىي بايلىقى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى ئۆزلىرى ئەركىن بىر تەرەپ قىلش ھوقۇقىغا ئىگە..."دەپ، بەلگىلەنگەن. بۇ بايلىق خىتاينىڭمۇ ياكى ئۇيغۇرنىڭمۇ بۇنى كىم، قايسى كۇچ ئايرىپ بېرىدۇ؟
1974 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان " يېڭى خەلقئارا ئىقتىسادى تەرتىپ ئورنىتىش باياناتى"نىڭ (6) ماددىسىدا: بارلىق چەتئەللەرنىڭ ھەربىي ئىگىلىشىگە، چەتئەللەرنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ياكى ئىرقى ئايرىمىچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەر،تېررىتورىيىلەر ياكى مىللەتلەر ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشقا، ئۇپراشقا، زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىغان تەبىئىي بايلىقى ۋە باشقا بايلىقلىرى توغرىسىدا، قايتۇرۇپ ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ۋە تولۇق تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە" دەپ بەلگىلەنگەن. (1896 - 1996 - يىللىرى "ئەسىرلىك دىلولار" خىتايچە نەشرى)
بۇ قانۇنلارنى كىملەر تۈزدى، كىملەر بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىدۇ، كىملەر بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىدۇ؟
ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمونمۇ؟
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.