رۇسىيىنىڭ بۈگۈنى خىتاينىڭ ئەتىسى

رۇسىيىدە كوممۇنىستىك پارتىيە، كوممۇنىزملىق مۇستەملىكە سىستېمىسى يىمىرىلگىنىگە بۇ يىل 20 يىل بولدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر پەلسەپە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاتاقلىق زىيالىي سۈي يۇيۈ، ب ب س مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: سابىق سوۋېتلەردە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشكە ئوخشاش، ئىنسانىيەتتە ھەر قانداق دۆلەت، ھەر قانداق مىللەت چوقۇم مۇشۇ يولدا ماڭىدۇ،لېكىن كونكرېت تەدبىرلەرنىڭ ئوخشاش بولۇشى ناتايىن دەپ،كۆرسەتتى.

بۇ زىيالىي يەنە:... رۇسىيىنىڭ ئاساسى قانۇنلۇق سىياسىي تۈزۈمى ئاللىقاچان تۇرغۇزۇلۇپ بولدى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، رۇسىيىنىڭ بۈگۈنى جۇڭگونىڭ ئەتىسى بولۇپ قالىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

بۇنىڭدىن 20يىل بۇرۇن رۇسىيىدە ۋە شەرقى ياۋروپادا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بەزى دۆلەتلەردە سايلام ئارقىلىق، مەسىلەن،رۇمىنىيىدە قان تۆكۈش ئارقىلىق، بالتىق بويىدىكى رۇسىيىنىڭ مۇستەملىكىلىرىدە شىددەتلىك نامايىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشى غەلىبىگە ئېرىشتى.

سابىق سوۋېتلەرنىڭ يىمىرىلىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا بېزىلەر ئافغانىستان ئۇرۇشىدا پاتقاققا پېتىپ قالدى دېيىشسە، بېزىلەر 40يىللىق غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا، سابىق سوۋېتلار مەغلۇپ بولدى دېيىشكەن.

يېقىندا ئامېرىكا تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى «سابىق سوۋېتلەرنىڭ زەئىپلىشىپ يىمىرىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ: يېتەر، ئەمدى بىز بۇنداق ياشىيالمايمىز، ھەر قانداق بىر ئىش يېڭى شەكىلدە باشلىنىشى كېرەك؛ بىز ئۇقۇملىرىمىز ۋە تەپەككۇرىمىزنى قايتىدىن ئويلىشىشىمىز كېرەك...بۇ پەيتتە خەلق ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش ھاقارەت ئىچىدە ياشىيالمايدۇ. 1989-يىلى پوپ ئالېكساندىر ياكوپىلىف شۇنداق دېگەن دەپ كۆرسەتتى.

ئەگەر سابىق سوۋېتلار خەلقى شۇ چاغدا مەنىۋى جەھەتتە سابىق كوممۇنىزم تۈزۈمىگە شۇ دەرىجىدە نارازى بولغان بولسا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇسىيىدە كوممۇنىزم مۇستەملىكە سىستېمىسىنىڭ يىمىرىلىشىدىن ئەجەپلىنىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى قالمىدى.

ئامېرىكىدا تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى يەنە مۇنداق كۆرسەتتى:...شۇ چاغدا سوۋېتلەردە ئىقتىساد تەرەققىياتتىن توختاپ قالدى...سىياسىي كونتروللۇق ئېغىرلاشتى (خۇددى بۈگۈنكى جۇڭگودەك)، ئەخلاققا نەزەر سېلىشتىن باشلىغاندا ھەربىر ئىش چىرىپ كەتتى، ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولدى...ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق بولۇشى گۇمان تۇغدۇردى...پۈتۈن خەلق تونۇپ يەتكەن ئۆزگىرىش ئاخىرىدا سوۋېتلەرنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەخلاق ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى يىمىرىلىش ھەرىكىتىدە جەۋھىرى ئامىل بولۇپ قالدى.

بۈگۈن جۇڭگودا ئەخلاق قېلىپىدىن چىقىپ كەتتى،ئەسلىدە ئەخلاقنىڭ چەكلىگۈچى پرىنسىپلىرى بىر جەمئىيەتتە باشتىن-ئاخىر رول ئوينىشى زۆرۈر ئىدى. قانۇن، قانۇن دېگەندەك قانۇن بولماي قالدى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئېكسپورتقا تايىنىپ قالدى. پۇل قىممىتىنى ئۈستۈرۈش بېسىمى كۈچەيدى.

پۈتۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئازسانلىق ئەمەلدارلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشتى، سىياسەت بىر نەچچە كىشىنىڭ مونوپولىيە قىلىش قورالىغا ئايلاندى. ئەركىن پىكىر لائەمەس، نورمال پىكىرمۇ چەكلەندى. ھازىر خىتايدا نامايىش قىلمىغان جېدەل-ماجىرا چىقارمىغان بىرمۇ ئۆلكە، بىرمۇ شەھەر قالمىدى. مۇستەملىكىلىرى موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇرىستاندا مۇستەملىكە خەلقلەر ئويغىنىپ، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان بولدى. سابىق سوۋېتلەرنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرىقى 3 ئۆلكىنى مۇستەملىكە قىلىشى ئوخشاش بولۇپ قالدى. خىتاينىڭ بۇ 3 ئۆلكىدە ئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇشلىرى، رۇسىيىنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالدى.

شۇڭا مەن رۇسىيىنىڭ بۈگۈنى جۇڭگونىڭ ئەتىسىدۇر دېگەن پىكىرنى ياقىلايمەن. سابىق سوۋېتلار گادايلىشىپ غېرىبلىق ئىچىدە، ئەخلاقى چۈشكۈنلۈك ئىچىدە گۇمران بولغان بولسا، خىتاي بايۋەتچىلىك بىلەن كۆرەڭلىك ۋە ئەخلاقى چۈشكۈنلۈك ئىچىدە گۇمران بولىدۇ.