"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى" مىللىي ئېتنىك قىرغىنچىلىق، باشقۇرۇش كرىزىسى، ئەخلاق كرىزىسى، ئشەنچ كرىزىسى قاتارلىق ئىجتىمائى ۋە سىياسى كرىزىسلارغا پېتىپ قېلىپ سەكراتقا چۈشكەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۈرلارغا قاراتقان يەنە بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقى ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى قەشقەر كونا شەھەرنى چېقىپ تۈزلەشنى جىددىيلەشتۈردى. ئۈرۈمچى تاشبۇلاق ئۇيغۇر مەھەللىسىنى چېقىپ تۈزلىۋەتتى. ئۆزىنىڭ ئەمگىكى بىلەن جان بېقىۋاتقان 2مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قاراماي شەھىرىدىن قوغلىۋەتتى. كەينىدىنلا غۇلجا شەھىرىنى چېقىپ تۈزلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى. پەيزىئاۋات ناھىيىسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئادەم يۆتكەش بويىچە "ئىلغار ناھىيە" قىلىپ باھالىدى."مۇبارەك بولسۇن پەيزىئاۋاتلىق!"
يەنە: "مىليارد سوم پۇل ئاجرىتىپ 2015 - يىلىغىچە يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى ئومۇملاشتۇرىمىز " دېيىشتى.
ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ، مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئوخشاشلا ۋاقىتتا مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا يەر ئىگىلىگەن، سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلىگەن، كان رايونلىرى، نېفىت ۋە گاز ئېلىش رايونلىرىنى ئىگىلىگەن خىتاي شىركەتلىرىگە ئەمگەك كۇچى يەتكۈزۈپ بېرىش باھانىسىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا جىددىي كۆچۈرۈشكە باشلىدى.
ئالەمگە مەلۇم بولغان ۋەزىيەت ياكى ساڭا، ياكى ماڭا مەلۇم بولمىغان ۋەزىيەت، چوڭ دۆلەتلەر ئارا ھەرخىل مەزمۇنلۇق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر،تەسىر دائىرە ئايرىۋېلىش مەسىلىسى ياكى ئاسىيادا مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار ياكى ئىقتىسادى قىممىتى بار رايونلار يەنە بىر قېتىم چوڭ دۆلەتلەر ئارا تالاش - تارتىش قىلىشنىڭ پىلتىسىگە ئايلىنىپ، ۋەزىيەت خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنى قىستاپ قويدىمۇ - قانداق؟
خىتاي تىلىدا "شىنجاڭ مەسىلىسى" دېگەن مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە "5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى" دىن كېيىنكى "شىنجاڭ ۋەزىيىتى" توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىن... ئافغانىستان تەرەپتىن ۋاھان كارىدورىغا ياسىلىۋاتقان تاش يول... خىتاينى ئالدىرىتىپ قويدىمۇ، تەمتىرىتىپ قويدىمۇ،"شىنجاڭ مەسىلىسى" بويىچە خىتاينى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدىمۇ؟ ئۇنداق بولمىغاندا، خىتاي ھۆكۈمرانلىرى نېمىشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا شۇ دەرىجىدە ئېغىر قول سالدى؟
1 - مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستاندا ئىقتىسادى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشنى جىددىيلەشتۈرۈش 2 - ھەربىي ۋە مەمۇرى، ساقچى كۇچىدىن پايدىلىنىپ باستۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرۈش 3 - توشۇپ كېتىش، يۆتكەپ كېتىش، نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى ئېقىتىپ كېتىشنى جىددىيلەشتۇرۇش، 4 - ئۇيغۈرلارنى
يەسلىدىن باشلاپ ئانا تىلىدىن ئايرىۋېتىشنى جىددىيلەشتۈرۈش 5 - غۈلجىغا تۆمۈر يول بېرىپ بولدى، قەشقەرگە تۆمۈر يول بېرىپ بولدى، خوتەنگىچە تۆمۈر يول تارتىپ، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ھەربىي قوشۇن يۆتكەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، "ئۇيغۈر ئەمگەك كۇچلىرى"نى يۆتكەپ كېتىشنى جىددىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك سىياسەتنى يولغا قويۇۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قالدۇرۇپ قويغان ئەڭ ئاخىرقى ھاياتلىق يولى نېمە؟
سۆز - مەتبۇئات ھوقۇقى بېرىلدى دېگەن قانۇنىڭ بار، لېكىن، ئۇيغۇرلار تور بىتىدە تېخى گەپ قىلغىنى يو ق، پەقەت، تور بىتى ئاچقانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغان بولساڭ، ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاخىرقى قېتىم زادى نېمە ئىش قىلىشى كېرەك؟!
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.