يالغان بەرىبىر يالغان
2011.09.27
مەسىلەن، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، 57 يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنى باشقۇرىدىغان رايون قۇرۇپ بەرگەن ئىدى. لېكىن تاكى ھازىرغىچە، ئۇيغۇرلار بىر كۈنمۇ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇپ باققىنى يوق. يالغاننى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسا راستقا ئايلىنىدۇ، دېگەن سۆز بويىچە پىكىر قىلساق، خىتاي يالغاننى 57 يىل تەكرارلىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشى تېخىچە راستقا ئايلانمىدى.
ئەمەلىيەتتە ئېغىزدىن چىققان ھەر قانداق بىر سۆز يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. تەڭرىتاغ تورى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى «شىنجاڭ قەشقەردە ناھايىتى زور كۆلەمدە سۇ مەنبەسى بايقالدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەر راستمۇ ياكى يالغانمۇ؟ «مىليون كىشىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ... بۇ سۇ دەسلەپكى قەدەمدە بايقالغان ئىمىش...شىنجاڭغا ياردەم قىلىش پىلانى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قەشقەر ئالاھىدە مەمۇرى رايون قىلىنىپ تەستىقلانغان ئىمىش...بايقالغان سۇ مەنبىئى ھەر كۈنى 3 يۈز 10مىڭ 410 كۈپ مېتىر سۇ بىلەن ئاھالىلەرنى تەمىنلەر ئىمىش...ۋەھاكازا.» ھەممىسى يالغان.
يەر ئاستى سۈيى! يەر ئاستىدا كۆل بارمىكىنە؟! ئۇيغۇرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بۇ كۆلنى نېمىشقا بايقىمىغان بولغىدى. ئەگەر بىر ئاھالە، بىر خەلق سۇ كەمچىل بولۇپ يەر ئاستىدىن سۇ تارتىشقا باغلىنىپ قالىدىغان بولسا، بۇ خەلق قايسى كۈنگە قالغان بولىدۇ. ئەگەر خىتايدەك بىر ھۆكۈمران مىللەت ئاھالە كۆچۈرۈش ئېھتىياجى تۈپەيلى، قەدىمىي خەلق ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرىستاننىڭ قەشقەر يۇرتىغا ئاھالە كۆچۈرۈش نىيىتىدە، يەر ئاستىدىن كۆپ مەنبەلىك سۇ چىقتى دەپ، يالغان سۆزلەيدىغان بولسا، بۇ يالغاننى ئۈچ كۈن سۆزلىسىمۇ، ئۈچ ئاي سۆزلىسىمۇ راستقا ئايلاندۇرالمايدۇ. ئۇنداقتا خىتاي مىللىي ھۆكۈمرانلىرى يەنە نېمە قۇۋلۇق-شۇملۇقنى يولغا سېلىشى مۇمكىن؟! قەشقەرگە خىتاي كۆچۈرۈش، ئۇيغۇرنىڭ قەدىمىي ۋە سەلتەنەتلىك مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، قەشقەر ئارقىلىق تاجىكىستانغا، ئافغانىستانغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈزلەڭلىكىنى تەسىر دائىرىسىگە ئېلىۋېلىش ئۈچۈنلا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى قەشقەرگە ئاھالە كۆچۈرمەكچى. ئەينى چاغدا ستالىننىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۇيغۇرىستاننى بويسۇندۇرغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرىستاننىڭ قەشقەر ئۆلكىسىنى مەدەنىيەت جەھەتتە بويسۇندۇرماقچى بولدى.
قېرىنداشلىرىمىز بىلىشى كېرەك ئىدىكى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى غۇلجىنى بازا قىلىپ قازاقىستانغا، قەشقەرنى بازا قىلىپ تاجىكىستانغا، ئۆزبېكىستانغا سىڭىپ كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ ۋە سىڭىپ كىردى. خىتاينىڭ قەشقەردىن سۇ تېپىلدى دېگەن تەشۋىقاتى قەشقەرگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى مىليونلاپ كۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. قەشقەر ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش-بۇ سىياسەت، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئاخىرقى نىشانىدۇر.