خىتايدا مۇخبىر يالغان سۆزلىمىسە جان باقالمايدۇ

مۇشۇ ئاينىڭ 5‏-كۈنى ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇن نيۇ-يورك شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئاممىۋى ۋول كوچىسىنى ئىگىلەش نامايىشى بولۇپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

دەل شۇنداق كۈنلەردە 2011‏-يىلى 9‏-ئاينىڭ 30‏-كۈنى جۇڭگودا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «جۇڭگو رىباۋ» گېزىتىدە «ۋول كوچىسىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشىنى خەۋەر قىلىشنى چەكلەپ قويۇش، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ نۇمۇسسىزلىقىدۇر» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە «ئۆتكەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە كىشىلەر بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكنىڭ بېرى-ۋول كوچىسىدا پارتلىغان زور كۆلەملىك نامايىشتۇر...» دەپ كۆرسىتىلگەندىن باشقا «...مۇخبىرنىڭ ئەڭ زور مەسئۇلىيىتى-جەمئىيەتتە سۆز ئىبارىلىرى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ساداسىنى ئاشكارىلاش» دەپ كۆرسىتىپ، ماقالىنىڭ ئاخىرىدا «...ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاممىنىڭ بىلىشىگە يول قويمىغانلىقى، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ نۇمۇسسىزلىقىدۇر» دەپ ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىنى ئەيىبلىدى.

ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟ س س ن، ب ب س نامايىش خەۋىرىنى كۆرسەتتى. «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» تور بېتىدە نامايىش توغرىلىق ئەتراپلىق خەۋەر تارقاتتى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيىسى ۋە فوكىس خەۋەرلىرى قاتارلىق تېلېۋىزىيىلەر نەق ۋاقتىدا خەۋەر تارقاتتى. خىتاي مۇخبىرىنىڭ دېگىنىگە قارىساق، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى نامايىش توغرىسىدا زادى نېمىنى يوشۇرۇپتۇ؟!ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى نامايىشنى خەۋەر قىلغاندا ھەر قانداق چەكلىمىگە ياكى ھۆكۈمەت تەرەپتىن بىر چەكلەشكە ئۇچرىغىنى يوققۇ؟!

ماقالىنىڭ ئاپتورى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن نامايىشنى، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى خەۋەر قىلمىدى دەيدىغان يالغان خەۋەرنى ياساپ چىقىپ زادى نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ مۇخبىر قانداق مەقسەتكە يېتىدۇ، بۇ بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. لېكىن، كىشىلەر بۇ مۇخبىرنى يالغانچى مۇخبىر دېيىشتى. ئەگەر مۇخبىر يالغانچىلىق قىلىدىغانلا بولسا، ئاۋۋال ئەخلاقى سالاھىيەتنى، ئاندىن كەسپى سالاھىيەتنى تامام يوقاتقان بولىدۇ.

كىشىلەر تور بىتى ياكى تېلېۋىزىيە ئارقىلىق نيۇيوركتا بولۇۋاتقان نامايىشنى كۆرۈپ تۇردى. 2009‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ 5‏-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى لى يى تانكىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى باستۇرۇش توغرىسىدا سۆزلىگەندەك، نيۇ-يورك شەھەر باشلىقى تانكىنىڭ ئۈستىگە چىققىنىمۇ يوق. نامايىشچىلارغا قارشى نۇتۇقمۇ سۆزلىمىدى. ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا، ھەربىيلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرگەندەك، ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت ياكى ھەربىيلەرگە ياكى ساقچىلارغا نامايىشچىلارنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرمىدى.

مانا بۇ، دۆلەت؛ مانا بۇ، ئامېرىكا؛ مانا بۇ دېموكراتىك تۈزۈم؛ مانا بۇ، ئىنساننىڭ ھاياتى؛ مانا بۇ، ئامېرىكىدا تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ۋە قۇدرەتلىك روھىدۇر.

ئامېرىكىدا پۇقرالار ئاساسىي قانۇننىڭ روھى بويىچە ھەرىكەت ۋە نامايىش قىلالىدى. خىتايدا ئاساسىي قانۇنغا يېزىلغانۇ-لېكىن، كىشىلەر كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلالامدۇ، ئەگەر قىلالايدىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوق چىقارمايدىغان ئىش بولامدۇ؟ شۇنداق ئىشلار جۇڭگودا يۈز بەرگەندە قايسى مۇخبىر، يەنە قايسى مەتبۇئات خەۋەر قىلالىدى؟

ئامېرىكىدا مەتبۇئاتلار جىم تۇردى دېگەننىڭ ئورنىغا «جۇڭگو رىباۋ» گېزىتىگە ماقالە يازغان مۇخبىر، جۇڭگودا مۇخبىر يالغان سۆزلىمىسە جان باقالمايدۇ، دەپ ماۋزۇ قويۇپ ماقالە يازغان بولسا، بۇ پىكىر كۆپرەك غۇلغۇلا قىلىشقا باش تېما بولۇپ بەرگەن بولاتتى.