خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا ئۇسسۇل ئانسامبىلى دەيدىغان، ئۇزۇندىن بېرى ئاتىلىپ كېلىۋاتقان كونا ئىسىمنىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى» دەيدىغان يېڭى ئىسىمنى قويۇپ «شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكى ئوينىغان ئويۇنغا، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەقسۇت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەركىنجان تۇراخۇن قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى» دېيىلدى.
مۇزىكا كېچىلىكىدە دۆلەتلىك ئاتاقلىق كومپوزىتور نۇسرەت ۋاجىدىنىڭ دىرىژورلۇقىدا «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» دەيدىغان، ۋاڭ جىن دەۋرىدە ئىجات قىلىنغان ناخشا ئورۇنلىنىپتۇ. خىتايچە ئاھاڭ سېلىنغان بۇ ناخشىغا تۇڭگان كومپوزىتور نۇسرەت ۋاجىدى دىرىژورلۇق قىلالىسىمۇ، بىر مىللەت روھىنىڭ مۇزىكىلىق ئىپادىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ناخشىلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا، خىتاي تىللىق تۇڭگان كومپوزىتورنىڭ دىرىژورلۇق قىلالىشى كىشىلەرنى كۈلكىگە قىستايدۇ.
ناخشا-مۇزىكا ساپ مىللىي ھېسسىياتنىڭ مەھسۇلىدۇر. نۇسرەت ۋاجىدى بىر مۇزىكانت بولغان ئادەم بۇنداق ئالاھىدىلىكنى چۈشەنمەي قالمايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ باشقا ناخشا-مۇزىكىلىرىغا نۇسرەت ۋاجىدى دىرىژورلۇق قىلدى دېسە، ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا راۋاب چالغاندەك بىر ئىش بولدىغۇ-بۇ؟
«گۈزەل شىنجاڭ نەۋروز» كېچىلىكىدە ئۇيغۇرنىڭ تاشۋاي، بەختىيار زامان، مۇدەنخان، شادىيانە قاتارلىق ناخشا، مۇزىكىلىرى ئورۇنلىنىپتۇ. نۇسرەت ۋاجىدى بۇ ناخشا-مۇزىكىلارنى چۈشىنەمدىكىنە؟ ئەمدى ئۇيغۇرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىمۇ تارتىپ ئېلىندىمۇ؟
بۇ كېچىلىككە «جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق مۇزىكانتى، مىللىي ئوركېستىر مۇزىكانتى،كومپوزىتور، يېڭى مىللىي مۇزىكىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى، يېڭى مىللىي مۇزىكىنىڭ قۇرغۇچىسى» زىڭ گېگې ئەپەندى قاتنىشىپتۇ. «يېڭى مىللىي مۇزىكا» دېگەن قانداق مۇزىكىدۇر؟ ئەينى چاغدا شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ مۇزىكانتى ۋاڭ لوبىڭ ئۇيغۇر-قازاقنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى كۆچۈرۈۋېلىپ ئۆزگەرتىپ، ناخشىلارنى مەن ئىجات قىلدىم دېگەن ۋە ئاتالمىش «غەربىي شىمال ناخشا-مۇزىكىلىرى» نىڭ ئاتىسى بولۇۋالغان ئىدى. ئۇيغۇرلارغا شۇنداق ناخشا ئىجات قىلىپ بېرىدىغانغا بۇ قېتىم ئەمدى، زىڭ گېگې دېگەن ئادەم ئوتتۇرىغا چىقتىمۇ نېمە؟
مىللىي ھۆكۈمرانلىق دېگەننىڭ مەنىسى-مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش، مىللىي ئېتنىك يوقىتىش دېگەنلىكتۇر. جىسمانىي جەھەتتە يوقىتىش بۇ باشقا بىر گەپ. بۇنىڭ ئىچىدە، مەدەنىيەت جەھەتتە يوقىتىش، ئانا تىلنى يوقىتىش، دىنىي ئېتىقادنى يوقىتىش، ناخشا-مۇزىكا، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى يوقىتىش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئانا تىلنى يوقىتىش-مىللىي غۇرۇرنى يوقىتىش ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ئىپادىلىنىش ۋاسىتىسىنى يوقىتىش دېگەنلىكتۇر. ناخشا-مۇزىكىنى يوقىتىش-ئىنساننىڭ تەبىئىي ھېسسىيات مەنبىئىنى يوقىتىش ۋە مىللەتنىڭ مىللىي ھېسسىياتى ۋە ئەقلىنى يوقىتىش، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەنئەنىسىنى يوقىتىش ۋە مىللىي روھنىڭ تاللاش ئىقتىدارىنى يوقىتىش دېگەنلىكتۇر.
دىنىي ئېتىقادنى يوقىتىش-ئىشەنچنى يوقىتىش، ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ۋە ياخشى-ياماننى تاللاش ئىقتىدارىنى، مىللەتنىڭ ئەخلاقىنى يوقىتىش دېگەنلىكتۇر.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ھەر ساھە بويىچە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى جىددىيلەشتۈرمەكتە. ئەمدى ئۇيغۇرغا «يېڭى مىللىي مۇزىكا» ئىجات قىلىپ بەرگەن ئوخشايدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلى»، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئانسامبىلى» دېگەن ئىسىملارنىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى»، «يېڭى مىللىي مۇزىكا» دەيدىغان يېڭىياچە ناخشا-مۇزىكىلار ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بەزىدە تەنقىدلىنىۋاتقان «ئەبجەش ناخشىلار» دەل ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مۇزىكا ئەنئەنىسىدىن ئايرىپ تاشلايدىغان ۋە«يېڭى مىللىي مۇزىكا» ئىجات قىلغۇچىلارغا يوچۇق تەييارلاپ بېرىدىغان ۋاسىتىدۇر.