جاڭ چۈنشيەن ۋۇ ئەييىڭدىن نېمە تەلەپ قىلدى؟

دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھاقارەتتىن ئېيتقاندا، جىنايەتچى بولۇپ قالغاندا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا سوتلانماسلىقتىنمۇ ئارتۇق ھاقارەت بولامدۇ؟ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ھەر بىر ئۇيغۇر جىنايەت مەنبىئى سانىلىدۇ.

0:00 / 0:00

شۇڭا ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مىدىرلىغان ھامان جىنايەتچى بولۇپ قالىدۇ.

قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دەيدىغان ھېكمەتنى ساختىلاشتۇرغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى جىنايەتچى دەپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سوت ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بىلەن سوتلىنىشىغىمۇ يول قويمىدى.

ئاتالمىش جىنايەتچى بولۇپ قالغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئاتالمىش قانۇنى ئالدىدا ئۇيغۇر تىلىدا سوراق قىلىنمايدىغان، ئۇيغۇر تىلىدا جىنايەت بېكىتىلمەيدىغان، ئۇيغۇر تىلىدا ھۆكۈم ئېلان قىلىنمايدىغان، پەقەت خىتاي سوتچىلار جىنايەتكە جازا بېكىتكەندە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئوقۇپ بېرىدىغان سوت قىلىش شەكلى، شەكلى سوت قىلىش دەپ، ئاتىلىدۇ. چۈنكى، قانۇن ئىشلىتىۋاتقان تىل ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئەمەس. خىتاينىڭ قانۇنى ئالدىدا جىنايەتچى بولۇپ قالغان ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئانا تىلى-ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ.

2009‏-يىلى 5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەر گەندە، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى سوت قىلىش ئۈچۈن ئىچكىرى خىتايدىن سوت كوللېگىيىسى چاقىرىپ كېلىپ، قارا چاپانلىق خىتاي ساقچىلارنى سوراق قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلار خىتاي تىلىدا سوتلىنىدىغان ھاقارەتكە دۇچار بولغان ئىدى.

ئۇيغۇرۇم يەنە بىلىۋال! سېنىڭ ۋەتىنىڭگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بىر مىللەت خىتاي، سېنى جىنايەتچى دەپ سوتلاۋاتىدۇ. سوتلىغاندىمۇ خىتاي تىلىدا سوتلاۋاتىدۇ. ئەسلى كىم جىنايەتچى، تاجاۋۇزچى خىتايمۇ ياكى ۋەتەننىڭ ئىگىسى ئۇيغۇرمۇ؟ جىنايەتچى ئايرىلىپ قاماپ قويۇلغان ئۇيغۇرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا سوت قىلىشقا سودىيە يېتىشمەي، ئىچكىرى خىتايدىن سوت قىلىشقا سوت كوللېگىيىسى تەكلىپ قىلىش نۆۋەتچى رەھبەر جاڭ چۈنشيەننىڭ كۈندىلىك خىزمىتى بولۇپ قالدى.

تەڭرىتاغ تور بىتى 8-ئاينىڭ 11‏-كۈنى خەۋەر تارقىتىپ، جاڭ چۈنشيەن مەملىكەتلىك ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ ئەييىڭنى، شىنجاڭغا چاقىرتىپ، ئەدلىيە ساھەسى بويىچە شىنجاڭغا كۆپلەپ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىمۇ مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكە كالونىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ مەركىزى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللىگەن ئىدى.

جاڭ چۈنشيەن، مۇئاۋىن مىنىستىر ۋۇ ئەييىڭغا تەكلىپ بېرىپ:ئەدلىيە مەمۇرى خىزمىتى بويىچە تەدرىجىي شىنجاڭغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇرلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىساقمۇ بۇ جاھاننىڭ ئىگىسى يوق، ئەمما يەنىلا ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىشقىمۇ توغرا كېلىدۇ. قولغا ئالغاندا سوئال-سوراق قىلىمىز، شۇڭا ئىچكىرى خىتايدىن سودىيە يۆتكەپ كېلىمىز دېگەنلىكمۇ؟

جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىمۇ ئىچكىرى خىتايدىن يۆتكەپ كېلىدىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان ئالاھىدە ھەربىي قىسىملارنىمۇ ئىچكىرى خىتايدىن يۆتكەپ كېلىدىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنى سوت قىلىدىغان سوت كوللېگىيىسىنىمۇ ئىچكىرى خىتايدىن يۆتكەپ كېلىدىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس تەركىبىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆچمەنلەرنىمۇ ئىچكىرى خىتايدىن يۆتكەپ كېلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا جاڭ چۈنشيەن جانابلىرى، ئۇيغۇرلار زادى نېمە قىلىشى كېرەك، ئۇيغۇرلارنىڭ چىقىش يولى زادى نەدە؟ چىقىش يولىنىڭ قەيەردىلىكىنى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بىلىۋالدى.