«بۆرە كەلدى» دېگەن بۇ چۆچەك ھازىر خىتاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا تازا ماس كېلىدىغان چۆچەك بولۇپ قالدى. چۆچەكتە ئىككى قېتىم توۋلىغاندا بۆرە كەلمەي، ئۈچىنچى قېتىم توۋلىغاندا بۆرە كەلگەن ئىدى. تەخىر قىلىڭ ۋەتەندىشىم، بۆرە كەلدى دەپ توۋلاۋاتقان يالغۇز بىزلا ئەمەس، تىبەتلەر، خىتاي دېموكراتلىرى، ھەتتا غەربلىك سىياسىيونلار، ئىقتىسادشۇناسلار ھەممىسى جۇڭگوغا بۆرە كەلدى دەپ توۋلاۋاتىدۇ.
بۈگۈن شۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئاۋسترالىيە گېزىتلىرىنىڭ يېقىندا نېمە دېگەنلىكىنى سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
بۈيۈك ئىرا تور بىتى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى جاڭ دۇڭگۇاڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىدە، سىدنى سەھىرى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى گىلەندى ۋىك ئەپەندىنىڭ «جۇڭگو ئىنقىلابى: بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. مۇخبىر، ئاۋسترالىيە جۇڭگودا يۈز بېرىدىغان ياسىمەن گۈل ئىنقىلابىغا دىققەت ئاغدۇرۇشى لازىم دەپ، كۆرسەتكەندىن كېيىن،ئەنگلىيە يازغۇچىسى، لوندون ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرىدىن ۋېيل خاتتۇن ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئوق-دورا ئىسكىلاتىغا ئايلىنىپ قالدى، جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئېكسپورت قىلغان تاۋارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى سېتىپ ئالىدۇ، جۇڭگودا يۈز بېرىدىغان سىياسىي داۋالغۇش ئاۋسترالىيىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
خاتتۇن ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى: خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى باستۇرۇپ، ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ جۇڭگودا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ.
خاتتۇن ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى:جۇڭگودا كوممۇنىستلار قاچان ئاغدۇرۇلىدۇ، بىزگە ئېنىق ئەمەس.بىراق جۇڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى ئىنتايىن ئاجىز، بۇ سىستېمىنىڭ ئاجىزلىقى جۇڭگودا ئىجتىمائىي، سىياسىي داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا يېتەرلىك. جۇڭگودا تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ھازىر 3 تىرىليون دوللارغا يەتتى، بىر يىل ئىچىدە 6 يۈز مىليارد دوللار قوشۇلدى.
بۇ يەردە ئىقتىسادنىڭ پولاتتەك قائىدىسى شۇكى، داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغان نەرسىنى، يەنە داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ بۇنداق زور تاشقى پېرېۋوتنى داۋاملىق جۇغلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ چوقۇم پارتلايدۇ، سىلەر ئاۋسترالىيىلىكلەر ئېھتىيات قىلىڭلار.
خاتتۇن ئەپەندى ئەنگلىيىدە ئوخشاشلا كۆزىتىش گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى ئىدى. ئۇ يازغان «يېزىقچىلىقتىكى تام: جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ 21-ئەسىردىكى ھەمكارلىقى» ماۋزۇلۇق كىتابىدا «جۇڭگودا كوممۇنىستلىرى ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتتى، كۆرەڭلىكتىن كېيىنلا گۇمران بولىدۇ. جۇڭگو ئىنتايىن زور ئۆزگىرىشنى كۈتمەكتە» دەپ يازدى.
خاتتۇن مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى 2008-يىلى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى پارتلىغان چاغدىكى، ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن بىر نەچچە ھەسسە ئاجىز، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، جۇڭگولۇقلار يۈدۈۋالغان قەرز، جۇڭگونىڭ مىللىي دارامىتىدىن بىر نەچچە ھەسسە ئارتۇق. جۇڭگولۇقلار يۈدۈۋالغان قەرزنىڭ دېرىنى قايتۇرۇش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۆسۈمىنىمۇ قايتۇرالمىدى.
مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم يەنە شۇكى، جۇڭگودا ئىنتايىن زور ۋەقە يۈز بېرىدۇ.
خاتتۇن ئەپەندى، بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە بارىدىغان ئاۋسترالىيىنىڭ ۋەزىرى جۇلىيا گىلارد خانىمغا قارىتىپ: جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە ئاۋسترالىيىنىڭ دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
جيا چىڭلىن ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلغاندا، گىلارد خانىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويغان ئىدى. ئاۋسترالىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوكۋىن، ئۇيغۇرىستان ۋە تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى جيا چىڭلىننىڭ ئالدىغا قويغان ئىدى.
خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. خۇددى ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىم كۆرسەتكەندەك، جۇڭگونىڭ تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدىكى پاكىتلار ئارقىلىقمۇ كۆرۈپ ئۆتتۇق.
يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستانغا كۆچمەن كۆچۈرۈش ئۈچۈن 3 تىرىليون 6 يۈز مىليارد يۈەن خەجلىمەكچى بولغانلىقى پاش بولدى. خىتاي شۇ پۇلنى راست خەجلىيەلەمدۇ ياكى ئۇيغۇرلارنى چۆچۈتۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان پوپوزىمۇ!