ب د ت دا، خىتاي ۋەكىلنىڭ د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇشى نەتىجە بەرمىدى

16 ‏- سېنتەبىر، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 15 ‏- نۆۋەتلىك يىغىنىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى كەسىي پولىئاس خانىمغا سۆز بېرىلگەن. يىغىندا، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى توختىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ۋەكىلىنىڭ قوللىشى بىلەن كەسىي پولىئاس خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرغان.

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 15 ‏- نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە ئېچىلماقتاOpens in new window ]

. يىغىننىڭ 4 ‏- كۈنى يەنى 16 ‏- سېنتەبىر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى كەسىي پولىئاس خانىم سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ باستۇرۇشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

بۇ سۆزلەردىن بىئارام بولغان يىغىندىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يىغىن رىياسەتچىسىدىن، كەسىي خانىمنىڭ سۆزىنى توختىتىشقا چاقىرغان. شۇنداقلا خىتاي تەرەپ، كەسىي خانىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ، يىغىننىڭ ئەسلى مۇزاكىرە تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

Xitay-wekili-BDT-yighinida-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﯩﻲ ﭘﻮﻟﯩﺌﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﻧﯜﺵ.

يىغىن رىياسەتچىسى بولسا كەسىي خانىمنىڭ سۆزىدە ھېچقانداق تېمىدىن چەتنەش يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، كەسىي خانىمنى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندىگەن.

BDT-yighin-reisi-BDT-yighinida-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺏ ﺩ ﺕ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ، ﺳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ، ﻛﻪﺳﯩﻲ ﭘﻮﻟﯩﺌﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﻧﯜﺵ.

كەسىي خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى يولۇق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇۋاتىدۇ؛ دىنىي ئىبادەتلىرىنى چەكلەۋاتىدۇ. مىللىي كىملىكلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىشى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىگە قىلىنغان ئاشكارا بىر ھۇجۇمدۇر."

كەسىي خانىمنىڭ سۆزلىرى بۇ نۇقتىغا كەلگەندە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم كېسىۋېتىلگەن. بۇ چاغدا، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ۋەكىللىرى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يولسىزلىقىغا ئارقا - ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە كەسىي خانىمنى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

بۇ جەريان ھەققىدە كەسىي خانىم ئۆز تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "خىتاي تەرەپ تەلەپلىرىنىڭ يولسىزلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ب د ت غا ئېلىپ كىرىلىشىنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالمىدى."

BDT-yighin-zalidin-korunush-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺏ ﺩ ﺕ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﻧﯜﺵ.

كەسىي خانىم يەنە، سۆزى 3 قېتىم كېسىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، گەرچە ۋاقىت جەھەتتىن زىيان تارتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا پايدىلىق بولغانلىقىنى، يىغىن جەريانى ۋە ئاخىرىدا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

كەسىي پولىئاس خانىم، گەرچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى يىغىنغا گېرمانىيىدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.