يېڭىسار دىخانلىرىنىڭ ئاۋازى -- ئەرزدار ھېكىم سىيىت بىلەن سۆھبەت

يېڭىسار ناھىيىسىدە يولغا قويۇلغان مەجبۇرىي جياڭدۇ تېرىش پىلانى، 2007 ‏- يىلى ناھىيە دېھقانلىرىنى 50 مىليون يۈەن زىيانغا ئۇچراتقان.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ يىزىلاردا پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىدا، دېھقانلارغا يېڭى تېخنىكىنى مەجبۇرىي تېڭىپ زىيانغا ئۇچراتقانلارنىڭ تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

قانۇننىڭ مانا بۇ ماددىسىغا ئاساسەن، يېڭىسار دېھقانلىرىدىن ھېكىم سىيىت قاتارلىق كىشىلەر ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى يى شياۋلياڭ ئۈستىدىن 2 يىلدىن بېرى ئەرز قىلماقتا.

ھازىرغا قەدەر ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئەرزگە ئالاقىدار مەلۇماتلاردا، ھېكىم سىيىتنىڭ ناھىيە، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايونغا قەدەر ئەرز قىلىپ بارغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

بۈگۈن بىز ھېكىم سىيىتنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ مەزكۇر ئەرز بىلەن بېيجىڭغىمۇ بارغانلىقىنى، بېيجىڭغا بارغاندا شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنىدا ياتاققا قاماپ قويۇلغانلىقىنى، ئارقىدىن يېڭىساردىن كەلگەن ساقچىلار بېيجىڭدىن ياندۇرۇپ ئەكەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، يېڭىسار دىخانلىرىنىڭ ئاۋازى بولغان ئەرزدار ھېكىم سىيىت بىلەن ئۆتكۈزگەن سوھبىتىمىزگە قۇلاق سالغايسىلەر.