مەركىزى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى - ئەركىنلىك سارىيى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا مەزكۇر دۆلەتتىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر سەرگەردانلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئىسلامئاباد دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
باياناتتا "بۇ دېلو خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىر دائىرىسى كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا قانچىلىك ئاسان زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى" دېيىلگەن.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ مەزكۇر باياناتنى ئېلان قىلغان مەزگىلى پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئوباما ۋە ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي بىلەن تالىبانلارنىڭ تەھدىتىگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلى ئىدى.
مەزكۇر بايانات پاكىستاننىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا 9 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى " تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى" دەپ قارىلاپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىك ۋەقەسىگە تۇنجى قېتىم بىر خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشى، ئىسلامئابادنىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى ئاياغ ئاستى قىلىش بلەن ئەيىبلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەركىنلىك سارىيى باياناتتا، خەلقئارا قانۇننىڭ ھەر قانداق شەخسنى كىشىلىك بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "خىتاي دائىم تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ۋەھىمىسىنى قوللىنىپ، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە تىنچ ۋاستىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچى ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالماقتا، تەن جازاسى بەرمەكتە ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلماقتا،" دەپ تەكىتلىگەن.
باياناتتا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جېنىفېر ۋىندسورنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلدى": ئەركىنلىك سارىيى پاكىستان ۋە باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ تېررور ھەققىدىكى ئاساسسىز داۋرىڭىنى رەت قىلىپ، خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا چاقىرىدۇ."
ئەركىن سارىيى كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى ئالەن بورك رادىئومىزغا بەرگەن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىدا پاكىستان دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى. بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزلىرىدە پاراكەنچىدىلىك پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ "بىز ئۆزىمىزنى ناھايىتى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ھېس قىلىۋاتىمىز. ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان بۇ شەخسلەرنى قايتۇرۇش، قائىدىگە ئاساسەن رەت قىلىنىشى كېرەك ئىدى. لېكىن پاكىستان بۇ مەسىلىدە ناھايىتى ئەسكى ئىش قىلدى. بىز پاكىستاننىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار مۇساپىر بولۇپ ياشايدىغان خىتايغا قوشنا ئەللەرنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىمىز" دەيدۇ.
خىتاي 2001 - يىلى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، بۇ دۆلەتلەرنى مەزكۇر ئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن. پاكىستان بولسا شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ رەسمىي ئەزاسى ئەمەس، لېكىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزاسى ئىدى.
پاكىستان ئىلگىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر جازالانغانلىقىغا دائىر مىساللار بار. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېتىۋەتكەن ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ئىسمايىل سەمەت ۋە مۇھەممەت توختىلار پاكىستان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن كىشىلەر ئىدى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جېنىفېر ۋىندسور ئەركىنلىك سارىيىنىڭ باياناتىدىكى سۆزىدە "پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋەقەسى خىتاينىڭ رايوندىكى كۈچى زورىيىۋاتقانلىقىنىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مىللىي ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنى باستۇرۇش يولىدا ئۇستىلىق بىلەن قوللىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى،" دېگەن.
ئەركىنلىك سارىيىدىكى ئالەن بورك خانىم بولسا، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇيغۇرلارنى زور خەتەر ئاستىدا قالدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": تېررورلۇق ھەمكارلىقى سۈيىئىستىمالغا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ. خىتاينىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە بەرگەن تەدبىرى ناھايىتى ئىلاستىكىلىق بولۇپ، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى خەۋپ خەتەر ئاستىدا قويغاندەك، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغاندەك قىلىدۇ."
پاكىستان ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ باقمىدى. ئەركىنلىك سارىيى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا 2008 - يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى جىددىيلەشكەنلىكىنى، تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدىكى كىشىنى گۇمانغا سالىدىغان ئۆلۈم - يىتىم، تەن جازاسى، ئۆلۈم جازاسى ۋە قولغا ئېلىش ۋەقەلىرىنىڭ پۈتۈن بىر يىل جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئەركىنلىك سارىيىدىكى ئالەن بورك خانىم، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان مەھبۇسلارنى سۈرۈشتۈرۈش، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكى قىيىن بىر مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ " خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكى باردەك قىلمايدۇ. بۇ كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، قانۇن رەسمىيەتلەرنى كۆزىتىشنى تەلەپ قىلىش ئامېرىكا شۇنداقلا گەپنىڭ توغرىسىنى ئېيتقاندا، پاكىستان ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن مەن ئىشلارنىڭ بۇنداق بولىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايمەن" دەپ كۆرسەتتى.
پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋەقەسى ئامېرىكىدا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى مۇنازىرە تازا كۈچەيگەن مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جەنىفېر ۋىندسور باياناتتىكى سۆزىدە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ "ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئۆلگە يارىتىپ، ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالمايدۇ، دەپ قارالغان بۇ كىشىلەرنى قوغدىشى، ئۇلارنى ئامېرىكا ۋە جازاغا ئۇچرىمايدىغان باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم" دېگەن.
بورك خانىم بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ": ئامېرىكا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالمايدىغانلىقىنى بېكىتتى. ئامېرىكىغا بۇ كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلىش قىيىن كەلمەكتە. باشقا دۆلەتلەر بولسا مەسىلە ئەمەس، لېكىن ئامېرىكا ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئۇلارنى قوبۇل قىلىش ئاق ساراي قەتئىي تۇرغاندىلا ئاندىن مۇمكىن بولسا كېرەك."
پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەزالار پرېزىدېنت ئوبامانىڭ گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى. دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى جۇمھۇرىيەتچى ئەزالار تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قىيىنلاشتۇرۇش مەزمۇنىدىكى بىر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى تەييارلىغان.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن پاكىستاندىكى زاتلار پاكىستاننىڭ سەرھات رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن "تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نامىدىكى تەشكىلات توردا بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر پارتىيە بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇللا مەخسۇد " تۇتقۇنلارنىڭ لوھور قاتارلىق جايلاردا ئىش - ئوقەت قىلىۋاتقان مەزكۇر پارتىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز تۈركىستانلىقلار" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.