يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاغرىپ قايتىپ كەلگەن 'ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىردىن' جەرىمانە ئالغان

خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلىپ يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى" جەرياندا نۇرغۇن ئۇيغۇر قىز - ئوغۇللىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.03.05
Qeshqer-Qizlar-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ.
AFP Photo

بىز يېقىندا ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن بەزى قىزلار مۇھىت، ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاغرىق - سىلاقتىن خالى بولالماي ئۆيىگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. ھالبۇكى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاغرىپ قايتىپ كەلگەن قىزلارنىڭ دوختۇر چىقىمىنى كۆتۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە ئۇلاردىن جەرىمانە ئالغان.

"ئىككىيلەن كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ بېرىپتۇ قىزىمنى، بۇ يىل 12 - ئايدىن بېرى بىر ئاز ياخشى بوپقالدى"
"ئىككىيلەن كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ بېرىپتۇ قىزىمنى، بۇ يىل 12 - ئايدىن بېرى بىر ئاز ياخشى بوپقالدى"

يۇقىرىقىدىكىسى خىتاي ئۆلكىسىگە بىر قىزىنى ئىشلەشكە ئەۋەتىپ تالاپەت يېگەن ئوپاللىق دېھقان ئوسمان بەختىنىڭ بايانلىرىدۇر. ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ خىل سىياسەت تۈپەيلى پۈتۈنلەي زىيان تارتقاننى ئاز دەپ، نارىسىدە قىزىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. ئوسمان بەختىنىڭ ئېيتىشىچە، قىزى تۇرنىساگۈل تيەنجىنگە يولغا چىققاندا ساق - سالامەت ئىكەندۇق، قىزى ئىشلەۋاتقان زاۋۇتتا ئاغرىپ ئورنىدىن تۇرالىغۇدەك دەرىجىدە زەئىپلىشىپ يەنە داۋاملىق ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاندىن كېيىن، قايتۇرىۋېتىلگەن.

يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئوسمان بەختىگە بۇ ئىشنى خەۋەر قىلغان ۋە قىزى ئاغرىپ قېلىپ قايتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2007 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئوپال يېزىسىدىن ئىككىنچى تۈركۈم قىزلار تيەنجىن شەھىرىگە جايلاشقان مەلۇم بىر كىيىم تىكىش زاۋۇتىغا ئېلىپ مېڭىلغان بولۇپ، تۇرنىساگۈلمۇ شۇ بىر تۈركۈم قىزلار بىلەن بىرلىكتە تيەنجىنگە ئېلىپ مېڭىلغان.

تۇرنىساگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بىلەن بىر قارار تيەنجىنگە چىققان قىزلار ئارىسىدا 4 - 5 نەپەر قىز ئاغرىپ قېلىپ ئۆيىگە قايتۇرۇلغان. تۇرنىساگۈلنىڭ دادىسى ئوسمان بەختىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن بەلكىم بالىلىرى ئاغرىپ ئىشلىيەلمەي يېنىپ كەلگەن باشقا دېھقانلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس. ئەمما بىز ھازىرچە باشقا قىزلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە باشقا ئۇچۇرلارنى ئىگىلىيەلمىدۇق.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆيىگە ھالسىز ھالدا كەلگەن تۇرنىساگۈل 5 - 6 ئاي كۈتۈلگەندىن كىيىن بىراز ياخشى بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنى يەنىلا روھسىز ھېس قىلىدىكەن.

2006 - يىلدىن بۇيان تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلغان "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش" داۋامىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە يۆتكەلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر سىياسەتنى دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشتا "ئەڭ ئۈنۈملۈك" دەپ سۈرەتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەكسىچە، ئوسمان بەختىنىڭ بېشىغا مەزكۇر سىياسەت تۈپەيلى مەجبۇرى تېڭىلغان قىسمەتلەر ئۇنى بىھۇدە چىقىمدار قىلغان.

ئاڭلىماققا ياخشىدەك تۇيۇلىدىغان، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى يەنە قانچىلىغان ئوسمان بەختىلەرنى بىھۇدە چىقىمدار قىلغانلىقى، قانچىلىغان تۇرنىساگۈللەرنى مەڭگۈلۈك كېسەللىك ئاسارىتىگە مۇپتىلا قىلغانلىقى بىزگە نامەلۇم، ئەمما مەزكۇر سىياسەت يۈرگۈزۈلۈپ يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇر قىزلىرى چەت خىتاي شەھەرلىرىگە يۆتكىلىشكە باشلىغان كۈنلەردىن باشلاپلا، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇ ھادىسە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى قىممەت قارىشىغا، ئۇيغۇر جەمئىيەت ھەر بىر ئەزاسى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىشىغا تېگىشلىك بىر ۋىجدانى سوئالنى قالدۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.