5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان تۈرمىلەردىن ئاساسلىقى ئىلى ئوبلاستلىق ساقچى تۈرمىسى، بىڭتۇەن قارمىقىدىكى 4-دېۋىزىيە تۈرمىسى، چاپچال سۇ تۈرمىسى ۋە غۇلجا شەھەرلىك يېڭى ھايات تۈرمىسى قاتارلىقلار بار.
ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامۇ تۈرمىسىدە ياتقان، ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئادىلجان ھاكىم خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز تەبلىغ پائالىيىتىگە قاتناشقان دېگەن گۇمان بىلەن 5-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇتۇلۇپ 5 كۈن، ئاندىن يەنە ئارقا-ئارقىدىن 2 قېتىم تۇتۇلۇپ 18 كۈن ۋە 36 كۈن، ھەر قېتىم تۇتۇلغاندا ئوخشاشلا غۇلجا شەھەرلىك يېڭى ھايات تۈرمىسىگە سولانغان 5-فېۋرال شاھىتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ غۇلجا شەھەرلىك يېڭى ھايات تۈرمىسىنى ۋەھشىي تۈرمىلەرنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىدى ۋە بۇ تۈرمىنىڭ قىيناش ئۇسۇللىرىنى ئاڭلاتتى.
1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئالدى-كەينىدە، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش جەريانىدا غۇلجا شەھەرلىك يېڭى ھايات تۈرمىسىگە سولانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارىسىدا يەنە، ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامۇ تۈرمىسىدە ياتقان، ھازىر ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئابابەكرى ئوبۇلقاسىممۇ بار ئىدى.
ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۆز ئىسىم-شەرىپىسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە يېڭى ھايات تۈرمىسىگە قامالغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى جازا مۇددىتى توشۇپ، قويۇپ بېرىلگەندە نورمال ئادەمدەك بولالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.