بۇ ھەقتە توختالغان رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر قارارنى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك سىگنالى دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تۆكۈلدى
سودىيە ئۇربىنا ئەپەندى ئۆز سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر قارارىنى بايان قىلىپ ئۆتكەندە سوتقا سىرتتىن قاتناشقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان باشقا كىشىلەر ئۆز خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۆز - ئارا قۇچاقلاشتى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تۆكۈلدى.
7 يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامودىكى ھەربىي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر گەرچە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى خىتايدىن باشقا ئۆتكۈزۈۋالىدىغان دۆلەت چىقمىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ ئۇيغۇرلار يەنە داۋاملىق تۈرمىگە مەھكۇم بولۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
سودىيە ئۇربىنا ئەپەندى : "بۇ، بۇيرۇق. مەن بۇ كىشىلەرنىڭ دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىشىنى خالىمايمەن"
بۈگۈن مەزكۇر ئۇيغۇر تۇتقانلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇستىدىن ئامېرىكا فېدېرال سوتىغا سۇنغان ئەرزى ئۈستىدە ئېچىلغان سوتتا، سودىيە ئۇربىنا ئەپەندى مەزكۇر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشىنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا دەرھال قايتۇرۇپ كېلىنىشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇدى ھەمدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئامېرىكىغا كىرگەندە ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە تاموژنا خادىملىرىنىڭ بۇلارنى قولغا ئالىمىز دەپ خىيال قىلماسلىقىنى بىلدۈردى ۋە: "بۇ، بۇيرۇق. مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەر قانداق شەكىلدە دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىشىنى خالىمايمەن. بۇ ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ دەخلىسىگە، توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك. مەن ئۇلارنى كۆرگەنگە قەدەر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ساق - سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېدى.
سودىيە ئۇربىنا ئەپەندىنىڭ بۇ بۇيرۇقلىرىدا بىرخىل بىتاقەتلىك ۋە قەتئىيلىك تۇيغۇلىرى چىقىپ تۇراتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ ئادۋوكاتلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ

كېلىش قەدەم باسقۇچلىرى ئۈستىدە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن سوتتىن يەنە بىر ھەپتە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سودىيە ئۇربىنا ئەپەندى بۇلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم: " بۇ گۈن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ئەركىنلىكتىن سىگنال بېرىلدى"
سوت ئاخىرىدا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقانلارنىڭ ئاقلىنىپ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە توختالغان رابىيە قادىر خانىم: " بۇ گۈن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ئەركىنلىكتىن سىگنال بېرىلدى" دېدى.
گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى دۇشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئىسپاتلاپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىزچىل ھالدا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى تېررورچىلار ياكى تېررور گۇماندارلىرى دەپ ئېلان كېلىۋاتقان ئىدى.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىڭ گاڭ يەنە مەزكۇر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى تېررور گۇماندارلىرى دەپ ئاتىدى ۋە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىپ قانۇن بۇيىچە جازالاش كېرەكلىكىنى يەنە تەكرارلىدى.
ھەنرى شاجەفىسكى :"ئۇيغۇرلار ئۇچۇن قۇتلۇق ۋە تارىخى بىر كۈندۇر "
ھالبۇكى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتىنىڭ مەزكۇر قارارى ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ھەنرى شاجەفىسكى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سوتىنىڭ مەزكۇر بۇيرۇقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى تېررورچى قىلىپ سۈرەتلەشكە كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىنى ئىنكار قىلىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: " بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۈگۈن ئۇلارنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى ئامېرىكا سوتى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى. بۇ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن قۇتلۇق ۋە تارىخى بىر كۈندۇر."
بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋە ئۇيغۇرلار مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، گۇەنتانامو تۈرمىسىگە بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى تېررورچى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئېتنىك مىللەت سۈپىتىدە يوقاتماقچى بولغانلىقىنى ئەمما خىتاينىڭ بۇ سۇيىقەستىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، يىللاردىن بېرى گۇئانتانامودا ئازاب چەككەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا قوشقان تۆھپىسىنى ئۇنتۇماسلىققا چاقىردى.
ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە ئەسلى 22 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن قامالغان بولۇپ، 2006 - يىلى ئۇلاردىن 5 نەپىرى ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن.