ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن 10- دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1948- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى " دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى " نى ئېلان قىلغان بولۇپ، مۇشۇ كۈن ھەر يىلى كىشىلىك ھوقۇق كۈنى دەپ بەلگىلىنىپ خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.
بۈگۈن ھەم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي يازغۇچى ليۇ شاۋبوغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئېچىلىدىغان كۈن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ كۈننىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى. بۈگۈن مەركىزى ئامېرىكىدىكى كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش فوندى جەمئىيىتى بىلەن پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى بىرلىكتە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىدى. پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ رەئىس ۋە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشتى. پائالىيەتكە قاتناشقان ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدە جىقلىقىمۇ دىققەت تارتتى.
بۇ پائالىيەت پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 2007 - يىلى بىنا قىلىنغان ھەيكەل تىكلەنگەن مەيداندا ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى ئېدۋارد، ھاياتلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن سابىق دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى توم لەنتوس ئەپەندىنىڭ ئايالى ئانېتتى لەنتوس خانىم، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دېننىس كۇسنىك ۋە ساددۇس ماككوتتېر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. پائالىيەتكە نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق خىتاي دېموكرات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ۋە ئەزالىرىدىن بولۇپ، نۇرغۇن كىشى ئىشتىراك قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، ھايات مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن توم لەنتوس ئەپەندىنىڭ ئايالى ئانېتتى لەنتوس خانىم قىلغان سۆزىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رۇخسەت قىلماسلىقتەك ۋەقەنىڭ 1936- يىلى ناتسېست ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە گېرمانىيىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ خىتايغا ئوخشاش ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان بىر كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە يېڭىلىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي خەلقى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرىنىڭ ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، پىكىر ۋە چۈشەنچە ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىكىگە قاراپ تۇرماسلىققا چاقىردى.
پائالىيەتتە سۆز قىلغان باشقا ۋەكىللەرمۇ ئۆز سۆزلىرىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەركىن سۆزلەش، ئۆزىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى، ليۇ شاۋبوغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەركىن پىكىر قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىلەردە ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار سۆزلىرىدە يەنە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ مىللەتلەرنىڭمۇ خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
يىغىندا تەكلىپكە بىنائەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى، خۇددى ليۇ شاۋبو ئېيتقاندەك خىتايدا دېموكراتىك بىر تۈزۈم ئورنىتىلغاندىلا ۋە بۇ دېموكراتىيىدىن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل خەلقىمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولغاندىلا رايوندا ھەقىقىي تىنچلىقنىڭ بەرپا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز پائالىيەت داۋامىدا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى ئېدۋارد ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى ۋە شۇنداقلا ليۇ شاۋبونىڭ تۈرمىدە بولغانلىقى تۈپەيلى مۇراسىمغا قاتنىشالمىغانلىقى سەۋەبلىك بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
بىز بۇ ئارقىلىق خىتايدا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرگە، بىز سىلەر بىلەن بىرگە دېمەكچىمىز. بىز بىر كۈنى چوقۇم خىتاينىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە دەيمىزكى، ئۇلار چوقۇم ئۆز خەلقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا، ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئەركىن سۆزلەش، پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە، دىنىي ئەركىنلىكىگە، ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بىز بىر كۈنى چوقۇم بۇلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە، بۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ھەممە بىرلىشىپ ئورتاق تىرىشقاندىلا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇش ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز ئاخىرىدا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشتىكى سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ليۇ شاۋبونىڭ نوبېلغا ئېرىشكەنلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇتۇپ ئۆتۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالدى.