2009-يىلىدىكى «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» نى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆتۈرۈلگەن «5-ئىيۇل نامايىشى» نىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى.
بولۇپمۇ گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىش جەريانىدا خىتاينىڭ گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا تاش ئېتىپ، زەربە بەرگەن ۋە 14 نەپەر نامايىشچى ئۇيغۇر ئوخشىمىغان دەرىجىدە بىر ھەپتە ئەتراپىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ھەم 40 مىڭ ياۋرو تۆلەمگە بۇيرۇلغان ئىدى.

ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاپ بېرىشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ بىرقەدەر جىددىيلىشىشىدىن، بۇ مەسىلە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنماي، ئەسلىدىكى 40 مىڭ ياۋروغا يەنە 8 مىڭ ياۋرو ئۆسۈم قوشۇلۇپ، جەمئىي 48 مىڭ ياۋروغا يەتكەن ئىدى. كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى رەھبىرى خادىملارنىڭ تەكرار خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، تۆلەم پۇلى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلۈپ، 6 مىڭ ياۋروغا قارار قىلىنغان ئىدى.
بۇ ئىقتىسادىي تۆلەمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىزدەپ، ئەينى چاغدا بىرنەچچە كۈن توختىتىلغان ۋە ئىقتىسادى تۆلەمگە بۇيرۇلغانلاردىن بىرى بولغان، قاسىمجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈم قىلىنغان 6 مىڭ ياۋرو پۇل ئاخىرقى ھېسابتا 12 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن بولۇپ، كىشى بېشىغا 500 ياۋرو ئەتراپىدا توغرا كەلگەن. ھازىر ئۇلار بۇ پۇلنى ھەر ئايلىق كىرىمىگە قاراپ بۆلۈپ تاپشۇرۇۋېتىپتۇ.
ئۇ بۇ ھەقتە بىرئاز توختىلىپ: ئەسلى بۇ ئىشتا گوللاندىيىدىكى ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ھەسسىسى بارلىقىنى، بۇ پۇلنى ھەممەيلەن بىرلىكتە تۆلىگەن بولسا توغرا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ مەسىلىدە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتمىغانلىقتىن، 12 نەپەر ياش ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ: خىتايلارنىڭ ئىقتىسادى زەربىگە تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ۋەتەن-مىللەت دەۋاسىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.