تۈركىيىنىڭ بولۇ ۋىلايىتىدە ئىنسان ھەقلىرى كۈنى خاتىرىلەندى

تۈركىيىنىڭ بولۇ ۋىلايىتىدىكى ئاباند ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتى 10-دېكابىر ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن «تۇراندىكى يېتىم ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 600 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىپ ئۆتتى.

«تۇراندىكى يېتىم ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2012-يىلى 10-دېكابىر، تۈركىيە.
«تۇراندىكى يېتىم ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2012-يىلى 10-دېكابىر، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

بىز يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يىغىننى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇ ئاباند ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ گۆكخان ئەپەندى ۋە يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يىغىن ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى نەق مەيدان سۆھبىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.