20 ئۇيغۇرنىڭ كامبودژادىن قايتۇرۇلۇشىنىڭ 1 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلدى

20 سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغىنىغا بىر يىل توشتى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ 20 ئۇيغۇرنىڭ قەيەردىلىكى، سالامەتلىك ئەھۋالى، دىلوسىنىڭ قانۇنىي باسقۇچلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. بۇ ۋەزىيەت مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە ‏- تاۋابىئاتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

0:00 / 0:00

بۇلتۇر 10 ‏-ئاينىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرى، خىتاينىڭ " 5-ئىيۇل" دىن كېيىنكى قارا-قويۇق تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشلىرىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ جەنۇبتىكى ئۆلكىلىرى ئارقىلىق ۋيېتنام، لائوس، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىققان. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن كامبودژاغا توپلانغان.

ئۇلارنىڭ سانى 22گە يەتكەن ۋە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى ب د ت نىڭ ئالاقىدار تارمىقى تەرىپىدىن قاراپ چىقىلىۋاتقان بىر پۇرسەتتە، خىتاي ۋەقەگە قول تىقىپ، كامبودژا ھۆكۈمىتىدىن 22 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. كامبودژادىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار كامبودژانى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ 22 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغاندا، كامبودژا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن باياناتلار بەرگەن. ئەمما، ئاخىرىدا ئۇشتۇمتۇت پوزىتسىيە ئۆزگەرتىپ، ب د ت نىڭ ھىمايىسىدە پاناھلىنىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلاردىن 20 نەپىرىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە بىر قانچە كۈننىڭ ئىچىدىلا خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن.

ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس ۋەقەلەردىن بىرى دەپ قارىلىۋاتقان بۇ ۋەقەگە مانا ھازىر بىر يىل بولدى. بۇ جەرياندا دۇنيادىكى 60 نەچچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلىكتە ئىمزا توپلاپ ۋە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى، 20 ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا خەلقئارا قانۇنىي ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلىشقا چاقىردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كامبودژا ھۆكۈمىتىگە 3 قېتىم جازالاش تەدبىرى قوللاندى؛ بۇ تەدبىرلەر، كونا قەرزىنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق، ھەربىي ئەسلىھەلەر ياردىمىنى توختىتىش ۋە كامبودژانىڭ كىيىم-كېچەك قاتارلىق ماللىرىغا ئىجرا قىلىنىۋاتقان باج كەچۈرۈمىنى بىكار قىلىش قاتارلىقلاردۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ 20 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش ھەققىدىكى تەلەپلىرىگە ئىزچىل ھالدا قۇلاق يوپۇرۇپ كەلمەكتە. 20 ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ كۆرۈشۈش ۋە يوقلاش تەلىپى رەت قىلىنماقتا. خىتاي يەنە ئارىلىقتىكى باياناتلىرىدا ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمەي تۇرۇپ،" بۇ 20 ئۇيغۇر ئىچىدە بومبا ياساش ۋە ئوت قويۇش جىنايىتىگە ئارىلاشقانلار بار" دەپ ئەيىبلىدى.

ۋەقەنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىنى 20 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. باياناتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن: "5 ‏-ئىيۇلدىن كېيىنكى قارا-قويۇق تۇتقۇن ۋە قاتتىق باستۇرۇش سەۋەبىدىن، 5 ‏-ئىيۇل نامايىشىغا مەيلى قېتىلغان ياكى قېتىلمىغان بولسۇن، كىشىلەرنىڭ ۋەزىيەتتىن قورقۇشى ۋە رايوندىن قېچىشى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىشى نورمال بىر ئەھۋال. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى 20 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى ئائىلىسى ۋە دۇنيا جامائىتىگە ئاشكارىلىشى ۋە ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك."

ئىش مەركىزى ئىتالىيىدە بولغان خەلقئارالىق تىنچلىقپەرۋەر رادىكال پارتىيىسى بۈگۈن، 20 ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، كامبودژا ۋە خىتاينى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلدى. تەشكىلات باياناتىدا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ، 1951 ۋە 1967 يىللاردا تۈزۈلگەن خەلقئارالىق سىياسىي پاناھلانغۇچىلار كېلىشىمىگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا بىرلىكىنى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنى 20 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سۈرۈشتە قىلىش ھەققىدە ھەرىكەتكە چاقىردى.