بۇ قارار خەلقئارادا ئالقىشقا ئېرىشتى. خىتاينىڭ دۆلەت ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ خەۋەرنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق خىتايغا تارقىلىشىنى دەرھال توسۇپ قويدى.
نورۋېگىيىدىكى نوبىل كومىتېتىنىڭ رەئىسى توربجورن جاگلاند بۈگۈن ئوسلو شەھىرىدە، 2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ، خىتايدا خەلقنى ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇقلارغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان قورالسىز كۈرەش قىلىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى 'ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقان' دېگەن جىنايەت بىلەن ناھەق سوتلاپ، 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، ھازىر لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى جىنجۇ تۈرمىسىدە قامىلىپ تۇرۇۋاتقان مەھبۇس ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. نوبىل كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ شاۋبونى 'خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنىڭ سىمۋولى' دەپ تەسۋىرلىدى.
خىتاي خەۋەرنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق خىتايغا تارقىلىشىنى توسىدى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئۇچۇر ۋاستىلىرى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى مەھبۇس ليۇ شاۋبونىڭ 2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى بۇ خەۋەرنىڭ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق پۈتۈن خىتايغا تارقىلىشىنى توسۇشقا باشلىدى. ئەمما، ھازىر خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن يەنىلا، ليۇ شاۋبونى تەبرىكلىگەن ئالقىش سادالىرى ئاڭلىنىۋاتىدۇ.
باۋ تۇڭ: ئەگەر خىتاي بۇ چوڭ ئېقىنغا ئەگەشمىسە، چىقىش يولى تاپالمايدۇ
رادىئومىز نىڭ خىتاي بۆلۈمى دەرھال بېيجىڭدىن ئۇچۇر ئالدى. خىتاينىڭ سابىق باش سېكرېتارى جاۋزىياڭنىڭ كاتىبى، 2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنىڭ بىرى بولغان باۋ تۇڭ ئەپەندى رادىئومىز ئارقىلىق ئوبزور ئېلان قىلىپ 'نوبىل كومىتېتىنىڭ قارارى ناھايىتى توغرا قارار بولدى، بۇ، خىتايدىكى خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىن ھوقۇقى، تۇرالغۇ ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى، سۆزلەش ھوقۇقى ۋە سايلاش ھوقۇقىنى قوغدىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ئىلھام. خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ بۇ چوڭ يۆنىلىشىگە ماسلىشىپ، بىر مەسئۇلىيەتچان دۆلەتكە ئايلىنىشى كېرەك، بۇ چوڭ ئېقىنغا ئەگەشمىسە، چىقىش يولى تاپالمايدۇ' دەپ قەيت قىلدى.
ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھازىر بېيجىڭدىن كەتكۈزۈلۈش ئالدىدا
2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەھبۇس ليۇشاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شا خانىمنىڭ، بۈگۈن كەچتە بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا سۆزلەپ بېرىشىچە، بۈگۈن ساقچىلار ئۇنىڭغا بېيجىڭدىن كېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئۇ ھازىر ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا ئۇزۇن - قىسقا ھەرخىل مىلتىقى بار ساقچىلار پوستا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. بۇ ئەتراپقا مۇخبىرلار نىڭمۇ كەلگەنلىكىنى سەزگەن. ئەمما، ئۇنىڭ ئۆيدىن سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت يوق. ئۇ ھازىر نەگە كەتكۈزىلىدىغانلىقىنى، ليۇ شاۋبو بىلەن كۆرۈشەلەيدىغان ياكى كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايدىكەن.
تېبەت ئۇچۇر ۋاستىلىرى دالاي لامانىڭ ليۇ شاۋبونى تەبرىكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مۇھاجىرەتتىكى تېبەت ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ دارامسالادىن بايان قىلىشىچە، تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما ۋە مۇھاجىرەتتىكى تىبەت زىيالىيلىرى 2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبو ئەپەندىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شۇنداقلا، خىتايدا خەلقنى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ليۇ شاۋبو بىلەن بىرلىكتە ھارماي - تالماي كۈرەش قىلىۋاتقان زىيالىيلارنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ليۇ شاۋبونىڭ تەرجىمىھالى
'بوشۈن تور گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇيىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبو 1901 - يىلىدىن بۇيان، خىتايدا تۇرۇپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1955 - يىلى چاڭچۇندە تۇغۇلغان، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئىچكى موڭغۇلدا قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولغان، 1982 - يىلى جىلىن پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ماگىستېرلىق، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، چەتئەللەردە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان، 1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيۇن ۋەقەسى مەزگىلىدە، ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ ، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئاچلىق ئېلان قىلىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن، 1996 - يىلى يەنە دېموكراتىيىنى تەرغىپ قىلىدىغان ماقالە يازغانلىقى ئۈچۈن 3 يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خاتىرىسى' نى لايىھىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، 'بىر پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەتنى مونوپولىيە قىلىش ئىمتىيازىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش' تەكلىپى قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قولغا ئېلىنغان، 2009 - يىلى روجىستىۋا بايرىمى مەزگىلىدە بېيجىڭدا 'دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇترىتىش جىنايىتى' دەپ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ھازىر لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى جىنجۇ تۈرمىسىدىكى مەھبۇس.
بۈگۈن خەلقئارادا ليۇشاۋبو ھەققىدە ئوبزورلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى
2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى بۈگۈن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ب ب س قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يېزىلغان قىسقا ئوبزورلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ ئوبزورلاردا، بۇيىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ليۇشاۋبوغا بېرىلگەنلىكى، ليۇ شاۋبونى 'ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقان' دېگەن جىنايى نام بىلەن جازا ھۆكۈم قىلىپ تۈرمىگە تاشلىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنكار قىلغانلىق؛ خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال خاتالىقىنى تونۇپ، سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى كېرەك، دېگەن مەزمۇنلار بار.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.